لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ. لِدَاوُدَ قَالَ ٱلْجَاهِلُ فِي قَلْبِهِ: «لَيْسَ إِلَهٌ». فَسَدُوا وَرَجِسُوا بِأَفْعَالِهِمْ. لَيْسَ مَنْ يَعْمَلُ صَلَاحًا. | ١ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ. ئۇلار چىرىكلىشىپ، يىرگىنچلىك قەبىھلىكنى قىلىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر؛ |
اَلرَّبُّ مِنَ ٱلسَّمَاءِ أَشْرَفَ عَلَى بَنِي ٱلْبَشَرِ، لِيَنْظُرَ: هَلْ مِنْ فَاهِمٍ طَالِبِ ٱللهِ؟ | ٢ 2 |
پەرۋەردىگار ئەرشتە تۇرۇپ، ئادەم بالىلىرىنى كۆزىتىپ: «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟ |
ٱلْكُلُّ قَدْ زَاغُوا مَعًا، فَسَدُوا. لَيْسَ مَنْ يَعْمَلُ صَلَاحًا، لَيْسَ وَلَا وَاحِدٌ. | ٣ 3 |
ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى، ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى، مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر. |
أَلَمْ يَعْلَمْ كُلُّ فَاعِلِي ٱلْإِثْمِ، ٱلَّذِينَ يَأْكُلُونَ شَعْبِي كَمَا يَأْكُلُونَ ٱلْخُبْزَ، وَٱلرَّبَّ لَمْ يَدْعُوا. | ٤ 4 |
ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان بۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلار ھېچنېمىنى بىلمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ. |
هُنَاكَ خَافُوا خَوْفًا، لِأَنَّ ٱللهَ فِي ٱلْجِيلِ ٱلْبَارِّ. | ٥ 5 |
مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛ چۈنكى خۇدا ھەققانىيلارنىڭ دەۋرىدىدۇر. |
رَأْيَ ٱلْمِسْكِينِ نَاقَضْتُمْ، لِأَنَّ ٱلرَّبَّ مَلْجَأُهُ. | ٦ 6 |
«سىلەر ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئۈمىدىنى يوق قىلماقچى بولىسىلەر؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھىدۇر!» |
لَيْتَ مِنْ صِهْيَوْنَ خَلَاصَ إِسْرَائِيلَ. عِنْدَ رَدِّ ٱلرَّبِّ سَبْيَ شَعْبِهِ، يَهْتِفُ يَعْقُوبُ، وَيَفْرَحُ إِسْرَائِيلُ. | ٧ 7 |
ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى! پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئاسارەتتىن چىقىرىپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا، ياقۇپ شادلىنىدۇ، ئىسرائىل خۇشاللىنىدۇ! |