لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ. لِدَاوُدَ. مَزْمُورٌ يَارَبُّ، قَدِ ٱخْتَبَرْتَنِي وَعَرَفْتَنِي. | ١ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى تەكشۈرۈپ چىقتىڭ، ھەم مېنى بىلىپ يەتتىڭ؛ |
أَنْتَ عَرَفْتَ جُلُوسِي وَقِيَامِي. فَهِمْتَ فِكْرِي مِنْ بَعِيدٍ. | ٢ 2 |
ئۆزۈڭ ئولتۇرغىنىمنى، تۇرغىنىمنىمۇ بىلىسەن؛ يىراقتا تۇرۇقلۇق كۆڭلۈمدىكىنى بىلىسەن. |
مَسْلَكِي وَمَرْبَضِي ذَرَّيْتَ، وَكُلَّ طُرُقِي عَرَفْتَ. | ٣ 3 |
باسقان قەدەملىرىمنى، ياتقانلىرىمنى ئۆتكەمەڭدىن ئۆتكۈزدۇڭ؛ بارلىق يوللىرىم ساڭا ئاياندۇر. |
لِأَنَّهُ لَيْسَ كَلِمَةٌ فِي لِسَانِي، إِلَّا وَأَنْتَ يَارَبُّ عَرَفْتَهَا كُلَّهَا. | ٤ 4 |
بەرھەق، تىلىمغا بىر سۆز كېلە-كەلمەستىنلا، ئى پەرۋەردىگار، مانا سەن بۇنى ئەينى بويىچە بىلمەي قالمايسەن. |
مِنْ خَلْفٍ وَمِنْ قُدَّامٍ حَاصَرْتَنِي، وَجَعَلْتَ عَلَيَّ يَدَكَ. | ٥ 5 |
سەن مېنى ئالدى-كەينىمدىن ئوراپ تۇرىسەن، قولۇڭنى مېنىڭ ئۈستۈمگە قوندۇرغانسەن. |
عَجِيبَةٌ هَذِهِ ٱلْمَعْرِفَةُ، فَوْقِي ٱرْتَفَعَتْ، لَا أَسْتَطِيعُهَا. | ٦ 6 |
بۇنداق بىلىم ماڭا شۇنچىلىك تىلسىمات بىلىنىدۇ! شۇنداق يۈكسەككى، مەن ئۇنى بىلىپ يېتەلمەيدىكەنمەن. |
أَيْنَ أَذْهَبُ مِنْ رُوحِكَ؟ وَمِنْ وَجْهِكَ أَيْنَ أَهْرُبُ؟ | ٧ 7 |
روھىڭدىن نېرى بولۇشقا نەلەرگىمۇ بارالايتتىم؟ ھۇزۇرۇڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ نەلەرگە بارالايتتىم؟ |
إِنْ صَعِدْتُ إِلَى ٱلسَّمَاوَاتِ فَأَنْتَ هُنَاكَ، وَإِنْ فَرَشْتُ فِي ٱلْهَاوِيَةِ فَهَا أَنْتَ. (Sheol h7585) | ٨ 8 |
ئاسمانلارغا چىقسام، مانا سەن ئاشۇ يەردە؛ تەھتىسارادا ئورۇن سالساممۇ، مانا سەن شۇ يەردە؛ (Sheol h7585) |
إِنْ أَخَذْتُ جَنَاحَيِ ٱلصُّبْحِ، وَسَكَنْتُ فِي أَقَاصِي ٱلْبَحْرِ، | ٩ 9 |
سەھەرنىڭ قاناتلىرىنى ئېلىپ ئۇچۇپ، دېڭىزنىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىدە تۇرسام، |
فَهُنَاكَ أَيْضًا تَهْدِينِي يَدُكَ وَتُمْسِكُنِي يَمِينُكَ. | ١٠ 10 |
ھەتتا ئاشۇ جايدا قولۇڭ مېنى يېتەكلەيدۇ، ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلەيدۇ. |
فَقُلْتُ: «إِنَّمَا ٱلظُّلْمَةُ تَغْشَانِي». فَٱللَّيْلُ يُضِيءُ حَوْلِي! | ١١ 11 |
مەن: «قاراڭغۇلۇق مېنى ياپسا، ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق چوقۇم كېچە بولىدۇ» ــ دېسەم، |
ٱلظُّلْمَةُ أَيْضًا لَا تُظْلِمُ لَدَيْكَ، وَٱللَّيْلُ مِثْلَ ٱلنَّهَارِ يُضِيءُ. كَٱلظُّلْمَةِ هَكَذَا ٱلنُّورُ. | ١٢ 12 |
قاراڭغۇلۇقمۇ سەندىن يوشۇرۇنالمايدۇ، كېچىمۇ ساڭا كۈندۈزدەك ئايدىڭدۇر، قاراڭغۇلۇقمۇ [ساڭا] يورۇقتەكتۇر. |
لِأَنَّكَ أَنْتَ ٱقْتَنَيْتَ كُلْيَتَيَّ. نَسَجْتَنِي فِي بَطْنِ أُمِّي. | ١٣ 13 |
بەرھەق، سەن مېنىڭ ئىچلىرىمنى ياسىغانسەن؛ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى توقۇغانسەن؛ |
أَحْمَدُكَ مِنْ أَجْلِ أَنِّي قَدِ ٱمْتَزْتُ عَجَبًا. عَجِيبَةٌ هِيَ أَعْمَالُكَ، وَنَفْسِي تَعْرِفُ ذَلِكَ يَقِينًا. | ١٤ 14 |
مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، چۈنكى مەن سۈرلۈك ۋە كارامەت ياسالغانمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ كارامەت تىلسىماتتۇر؛ بۇنى جېنىم ئوبدان بىلىدۇ. |
لَمْ تَخْتَفِ عَنْكَ عِظَامِي حِينَمَا صُنِعْتُ فِي ٱلْخَفَاءِ، وَرُقِمْتُ فِي أَعْمَاقِ ٱلْأَرْضِ. | ١٥ 15 |
مەن يوشۇرۇن جايدا ياسالغىنىمدا، يەر تەگلىرىدە ئەپچىللىك بىلەن توقۇلۇپ شەكىللەندۈرۈلگىنىمدە، ئۇستىخانلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس ئىدى. |
رَأَتْ عَيْنَاكَ أَعْضَائِي، وَفِي سِفْرِكَ كُلُّهَا كُتِبَتْ يَوْمَ تَصَوَّرَتْ، إِذْ لَمْ يَكُنْ وَاحِدٌ مِنْهَا. | ١٦ 16 |
ئەزالىرىم تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كۈنلەردە، ئۇلار ياسىلىۋاتقان كۈنلەردە، كۆزۈڭ تېخى شەكىللەنمىگەن جىسمىمنى كۆرۈپ يەتكەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن دەپتىرىڭدە يېزىلغانىدى. |
مَا أَكْرَمَ أَفْكَارَكَ يَا ٱللهُ عِنْدِي! مَا أَكْثَرَ جُمْلَتَهَا! | ١٧ 17 |
ئاھ تەڭرىم، ئويلىرىڭ ماڭا نەقەدەر قىممەتلىكتۇر! ئۇلارنىڭ يىغىندىسى شۇنچە زوردۇر! |
إِنْ أُحْصِهَا فَهِيَ أَكْثَرُ مِنَ ٱلرَّمْلِ. ٱسْتَيْقَظْتُ وَأَنَا بَعْدُ مَعَكَ. | ١٨ 18 |
ئۇلارنى ساناي دېسەم، ئۇلار دېڭىزدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپتۇر؛ ئۇيقۇدىن كۆزۈمنى ئاچسام، مەن يەنىلا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن! |
لَيْتَكَ تَقْتُلُ ٱلْأَشْرَارَ يَا ٱللهُ. فَيَا رِجَالَ ٱلدِّمَاءِ، ٱبْعُدُوا عَنِّي. | ١٩ 19 |
ئاھ، سەن رەزىللەرنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ ئىدىڭ، ئى خۇدا! قانخور كىشىلەر، مەندىن يىراق بولۇش! |
ٱلَّذِينَ يُكَلِّمُونَكَ بِٱلْمَكْرِ نَاطِقِينَ بِٱلْكَذِبِ، هُمْ أَعْدَاؤُكَ. | ٢٠ 20 |
چۈنكى ئۇلار سېنىڭ توغرۇلۇق ھىيلىلىك بىلەن سۆزلەيدۇ؛ سېنىڭ شەھەرلىرىڭ ئۇلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلدى. |
أَلَا أُبْغِضُ مُبْغِضِيكَ يَارَبُّ، وَأَمْقُتُ مُقَاوِمِيكَ؟ | ٢١ 21 |
ساڭا ئۆچمەن بولغانلارغا، ئى پەرۋەردىگار، مەنمۇ ئۆچقۇ؟ ساڭا قارشى چىققانلارغا مەنمۇ يىرگىنىمەنغۇ؟ |
بُغْضًا تَامًّا أَبْغَضْتُهُمْ. صَارُوا لِي أَعْدَاءً. | ٢٢ 22 |
ئۇلارغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچتۇرمەن؛ ئۇلارنى ئۆز دۈشمەنلىرىم دەپ ھېسابلايمەن. |
ٱخْتَبِرْنِي يَا ٱللهُ وَٱعْرِفْ قَلْبِي. ٱمْتَحِنِّي وَٱعْرِفْ أَفْكَارِي. | ٢٣ 23 |
مېنى كۆزىتىپ تەكشۈرگەيسەن، ئى تەڭرىم! مېنىڭ قەلبىمنى بىلىپ يەتكەيسەن! مېنى سىناپ، غەملىك ئويلىرىمنى بىلگەيسەن؛ |
وَٱنْظُرْ إِنْ كَانَ فِيَّ طَرِيقٌ بَاطِلٌ، وَٱهْدِنِي طَرِيقًا أَبَدِيًّا. | ٢٤ 24 |
مەندە [ئۆزۈڭگە] ئازار بەرگۈدەك يولنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرگەيسەن؛ ۋە مېنى مەڭگۈلۈك يولۇڭدا يېتەكلىگەيسەن! |