تَرْنِيمَةُ ٱلْمَصَاعِدِ. لِدَاوُدَ «لَوْلَا ٱلرَّبُّ ٱلَّذِي كَانَ لَنَا». لِيَقُلْ إِسْرَائِيلُ: | ١ 1 |
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئەگەر بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا، ــ ئاھ، ئىسرائىل شۇنداق دېسۇن ــ |
«لَوْلَا ٱلرَّبُّ ٱلَّذِي كَانَ لَنَا عِنْدَ مَا قَامَ ٱلنَّاسُ عَلَيْنَا، | ٢ 2 |
بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا، كىشىلەر بىزگە ھۇجۇمغا قوزغالغاندا، |
إِذًا لَٱبْتَلَعُونَا أَحْيَاءً عِنْدَ ٱحْتِمَاءِ غَضَبِهِمْ عَلَيْنَا، | ٣ 3 |
ئۇلارنىڭ غەزىپى بىزگە تۇتاشقاندا، ــ شۇ چاغدا ئۇلار بىزنى تىرىك يۇتۇۋېتەتتى؛ |
إِذًا لَجَرَفَتْنَا ٱلْمِيَاهُ، لَعَبَرَ ٱلسَّيْلُ عَلَى أَنْفُسِنَا. | ٤ 4 |
[شۇ چاغدا] سۇلار بىزنى غەرق قىلىۋېتەتتى؛ كەلكۈن بېشىمىزدىن ئۆتەتتى؛ |
إِذًا لَعَبَرَتْ عَلَى أَنْفُسِنَا ٱلْمِيَاهُ ٱلطَّامِيَةُ». | ٥ 5 |
داۋالغۇغان سۇلار بېشىمىزدىن ئۆتەتتى! |
مُبَارَكٌ ٱلرَّبُّ ٱلَّذِي لَمْ يُسْلِمْنَا فَرِيسَةً لِأَسْنَانِهِمْ. | ٦ 6 |
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا ئوۋ بولۇشقا بىزنى قويۇپ بەرمىدى. |
ٱنْفَلَتَتْ أَنْفُسُنَا مِثْلَ ٱلْعُصْفُورِ مِنْ فَخِّ ٱلصَّيَّادِينَ. ٱلْفَخُّ ٱنْكَسَرَ، وَنَحْنُ ٱنْفَلَتْنَا. | ٧ 7 |
جېنىمىز تۇتقۇچىلارنىڭ باسمىقىدىن قېچىپ چىققان قۇشتەك قاچتى؛ باسماق سۇندۇرۇلۇپ، بىز قاچتۇق! |
عَوْنُنَا بِٱسْمِ ٱلرَّبِّ، ٱلصَّانِعِ ٱلسَّمَاوَاتِ وَٱلْأَرْضَ. | ٨ 8 |
ئېرىشكەن ياردىمىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىدۇر، ئاسمان-زېمىن ياراتقۇچىنىڭ نامىدىدۇر! |