لُقْمَةٌ يَابِسَةٌ وَمَعَهَا سَلَامَةٌ، خَيْرٌ مِنْ بَيْتٍ مَلآنٍ ذَبَائِحَ مَعَ خِصَامٍ. | ١ 1 |
قۇربانلىق گۆشلىرىگە تولغان جېدەللىك ئۆيدىن، بىر چىشلەم قۇرۇق نان يەپ، كۆڭۈل تىنچلىقتا بولغان ئەۋزەل. |
اَلْعَبْدُ ٱلْفَطِنُ يَتَسَلَّطُ عَلَى ٱلِٱبْنِ ٱلْمُخْزِي وَيُقَاسِمُ ٱلْإِخْوَةَ ٱلْمِيرَاثَ. | ٢ 2 |
خىزمەتكار چېۋەر بولسا، خوجىسىنىڭ نومۇستا قويغۇچى ئوغلىنى باشقۇرار؛ كەلگۈسىدە ئۇ خوجىنىڭ ئوغلى قاتارىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ مىراسنى تەقسىم قىلار. |
ٱلْبُوطَةُ لِلْفِضَّةِ، وَٱلْكُورُ لِلذَّهَبِ، وَمُمْتَحِنُ ٱلْقُلُوبِ ٱلرَّبُّ. | ٣ 3 |
ساپال قازان كۈمۈشنى تاۋلار، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، بىراق ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار. |
ٱلْفَاعِلُ ٱلشَّرَّ يَصْغَى إِلَى شَفَةِ ٱلْإِثْمِ، وَٱلْكَاذِبُ يَأْذَنُ لِلِسَانِ فَسَادٍ. | ٤ 4 |
قەبىھ كىشى يامان سۆزلەرگە ئىشىنەر؛ يالغانچى پىتنىچىلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالار. |
ٱلْمُسْتَهْزِئُ بِٱلْفَقِيرِ يُعَيِّرُ خَالِقَهُ. ٱلْفَرْحَانُ بِبَلِيَّةٍ لَا يَتَبَرَّأُ. | ٥ 5 |
مىسكىنلەرنى مەسخىرە قىلغۇچى، ئۆزىنى ياراتقۇچىنى ھاقارەتلىگۈچىدۇر؛ باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولغان كىشى جازاسىز قالماس. |
تَاجُ ٱلشُّيُوخِ بَنُو ٱلْبَنِينَ، وَفَخْرُ ٱلْبَنِينَ آبَاؤُهُمْ. | ٦ 6 |
قېرىلارنىڭ نەۋرىلىرى ئۇلارنىڭ تاجىدۇر؛ پەرزەنتلەرنىڭ پەخرى ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىدۇر. |
لَا تَلِيقُ بِٱلْأَحْمَقِ شَفَةُ ٱلسُّودَدِ. كَمْ بِٱلْأَحْرَى شَفَةُ ٱلْكَذِبِ بِٱلشَّرِيفِ! | ٧ 7 |
ئەخمەق يارىشىق گەپ قىلسا ئۇنىڭغا ياراشماس؛ مۆتىۋەر يالغان سۆزلىسە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياراشماس. |
ٱلْهَدِيَّةُ حَجَرٌ كَرِيمٌ فِي عَيْنَيْ قَابِلِهَا، حَيْثُمَا تَتَوَجَّهْ تُفْلِحْ. | ٨ 8 |
پارا ــ ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە ئېسىل بىر گۆھەردۇر؛ گويا ئۇنى نەگىلا ئىشلەتسە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغاندەك. |
مَنْ يَسْتُرْ مَعْصِيَةً يَطْلُبِ ٱلْمَحَبَّةَ، وَمَنْ يُكَرِّرْ أَمْرًا يُفَرِّقْ بَيْنَ ٱلْأَصْدِقَاءِ. | ٩ 9 |
باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى يوپۇتۇپ كەچۈرگەن كىشى مېھىر-مۇھەببەتنى كۆزلەر؛ كونا خاماننى سورىغان كىشى يېقىن دوستلارنى دۈشمەن قىلار. |
اَلِٱنْتِهَارُ يُؤَثِّرُ فِي ٱلْحَكِيمِ أَكْثَرَ مِنْ مِئَةِ جَلْدَةٍ فِي ٱلْجَاهِلِ. | ١٠ 10 |
ئاقىلانىگە سىڭگەن بىر ئېغىز تەنبىھ، ئەخمەققە ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن ئۈنۈملۈكتۇر. |
اَلشِّرِّيرُ إِنَّمَا يَطْلُبُ ٱلتَّمَرُّدَ فَيُطْلَقُ عَلَيْهِ رَسُولٌ قَاسٍ. | ١١ 11 |
يامانلار پەقەت ئاسىيلىقنى كۆزلەر؛ ئۇنى جازالاشقا رەھىمسىز بىر ئەلچى ئەۋەتىلەر. |
لِيُصَادِفِ ٱلْإِنْسَانَ دُبَّةٌ ثَكُولٌ وَلَا جَاهِلٌ فِي حَمَاقَتِهِ. | ١٢ 12 |
ئەخمىقانە ئىش قىلىۋاتقان نادان كىشىگە ئۇچراپ قالغاندىن كۆرە، بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا يولۇقۇپ قالغان ياخشى. |
مَنْ يُجَازِي عَنْ خَيْرٍ بِشَرٍّ لَنْ يَبْرَحَ ٱلشَّرُّ مِنْ بَيْتِهِ. | ١٣ 13 |
كىمكى ياخشىلىققا يامانلىق قىلسا، ئىشىكىدىن بالايىقازا نېرى كەتمەس. |
اِبْتِدَاءُ ٱلْخِصَامِ إِطْلَاقُ ٱلْمَاءِ، فَقَبْلَ أَنْ تَدْفُقَ ٱلْمُخَاصَمَةُ ٱتْرُكْهَا. | ١٤ 14 |
جېدەلنىڭ باشلىنىشى توسمىنى سۇ ئېلىپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ؛ شۇڭا جېدەل پارتلاشتىن ئاۋۋال تالاش-تارتىشتىن قول ئۈزگىن. |
مُبَرِّئُ ٱلْمُذْنِبَ وَمُذَنِّبُ ٱلْبَرِيءَ كِلَاهُمَا مَكْرَهَةُ ٱلرَّبِّ. | ١٥ 15 |
ياماننى ئاقلىغان، ھەققانىيغا قارا چاپلىغان، ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. |
لِمَاذَا فِي يَدِ ٱلْجَاهِلِ ثَمَنٌ؟ أَلِٱقْتِنَاءِ ٱلْحِكْمَةِ وَلَيْسَ لَهُ فَهْمٌ؟ | ١٦ 16 |
ئەخمەقنىڭ كۆڭلى دانالىقنى ئەتىۋارلىمىسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ قولىدا دانالىقنى سېتىۋالغۇدەك پۇلى بولسۇن؟ |
اَلصَّدِيقُ يُحِبُّ فِي كُلِّ وَقْتٍ، أَمَّا ٱلْأَخُ فَلِلشِّدَّةِ يُولَدُ. | ١٧ 17 |
[ھەقىقىي] دوست ھەردائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر، [ھەقىقىي] قېرىنداش يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن ياردەمگە دۇنياغا كەلگەندۇر. |
اَلْإِنْسَانُ ٱلنَّاقِصُ ٱلْفَهْمِ يَصْفِقُ كَفًّا وَيَضْمَنُ صَاحِبَهُ ضَمَانًا. | ١٨ 18 |
ئەقىلسىز كىشى قول بېرىپ، يېقىنى ئۈچۈن كېپىل بولىدۇ. |
مُحِبُّ ٱلْمَعْصِيَةِ مُحِبُّ ٱلْخِصَامِ. ٱلْمُعَلِّي بَابَهُ يَطْلُبُ ٱلْكَسْرَ. | ١٩ 19 |
جېدەلگە ئامراق گۇناھقا ئامراقتۇر؛ بوسۇغىنى ئېگىز قىلغان ھالاكەتنى ئىزدەر. |
ٱلْمُلْتَوِي ٱلْقَلْبِ لَا يَجِدُ خَيْرًا، وَٱلْمُتَقَلِّبُ ٱللِّسَانِ يَقَعُ فِي ٱلسُّوءِ. | ٢٠ 20 |
نىيىتى بۇزۇلغان ياخشىلىق كۆرمەس؛ تىلىدا ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغۇچى بالاغا يولۇقار. |
مَنْ يَلِدُ جَاهِلًا فَلِحَزَنِهِ، وَلَا يَفْرَحُ أَبُو ٱلْأَحْمَقِ. | ٢١ 21 |
بالا ئەخمەق بولسا، ئاتا غەم-قايغۇغا پاتار؛ ھاماقەتنىڭ ئاتىسى خۇشاللىق كۆرمەس. |
ٱلْقَلْبُ ٱلْفَرْحَانُ يُطَيِّبُ ٱلْجِسْمَ، وَٱلرُّوحُ ٱلْمُنْسَحِقَةُ تُجَفِّفُ ٱلْعَظْمَ. | ٢٢ 22 |
شاد كۆڭۈل شىپالىق دورىدەك تەنگە داۋادۇر؛ سۇنۇق روھ-دىل ئادەمنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتار. |
ٱلشِّرِّيرُ يَأْخُذُ ٱلرَّشْوَةَ مِنَ ٱلْحِضْنِ لِيُعَوِّجَ طُرُقَ ٱلْقَضَاءِ. | ٢٣ 23 |
چىرىك ئادەم يەڭ ئىچىدە پارىنى قوبۇل قىلار؛ ئۇ ئادالەتنىڭ يولىنى بۇرمىلار. |
ٱلْحِكْمَةُ عِنْدَ ٱلْفَهِيمِ، وَعَيْنَا ٱلْجَاهِلِ فِي أَقْصَى ٱلْأَرْضِ. | ٢٤ 24 |
دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرار؛ بىراق ئەقىلسىزنىڭ كۆزى خىيالكەشلىك قىلىپ قۇتۇپتا يۈرەر. |
ٱلِٱبْنُ ٱلْجَاهِلُ غَمٌّ لِأَبِيهِ، وَمَرَارَةٌ لِلَّتِي وَلَدَتْهُ. | ٢٥ 25 |
گالۋاڭ بالا ئاتىنى ئازابغا سالار؛ ئۇنى تۇغقۇچىنىڭمۇ دەردى بولار. |
أَيْضًا تَغْرِيمُ ٱلْبَرِيءِ لَيْسَ بِحَسَنٍ، وَكَذَلِكَ ضَرْبُ ٱلشُّرَفَاءِ لِأَجْلِ ٱلِٱسْتِقَامَةِ. | ٢٦ 26 |
ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا قەتئىي بولماس؛ ئەمىرلەرنى ئادالەتنى قوللىغىنى ئۈچۈن دۇمبالاشقا بولماس. |
ذُو ٱلْمَعْرِفَةِ يُبْقِي كَلَامَهُ، وَذُو ٱلْفَهْمِ وَقُورُ ٱلرُّوحِ. | ٢٧ 27 |
بىلىمى بار كىشى كەم سۆزلۈك بولار؛ يورۇتۇلغان ئادەم قالتىس ئېغىر-بېسىق بولار. |
بَلِ ٱلْأَحْمَقُ إِذَا سَكَتَ يُحْسَبُ حَكِيمًا، وَمَنْ ضَمَّ شَفَتَيْهِ فَهِيمًا. | ٢٨ 28 |
ھەتتا ئەخمەقمۇ ئاز سۆزلىسە دانا ھېسابلىنار؛ تىلىنى تىزگىنلىگەن كىشى دانىشمەن سانىلار. |