وَوَضَعَ ٱلْمَلِكُ أَحَشْوِيرُوشُ جِزْيَةً عَلَى ٱلْأَرْضِ وَجَزَائِرِ ٱلْبَحْرِ. | ١ 1 |
پادىشاھ ئاھاشۋېروش قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئاراللىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئالۋان تۆلىگۈزەتتى. |
وَكُلُّ عَمَلِ سُلْطَانِهِ وَجَبَرُوتِهِ وَإِذَاعَةُ عَظَمَةِ مُرْدَخَايَ ٱلَّذِي عَظَّمَهُ ٱلْمَلِكُ، أَمَا هِيَ مَكْتُوبَةٌ فِي سِفْرِ أَخْبَارِ ٱلْأَيَّامِ لِمُلُوكِ مَادِي وَفَارِسَ؟ | ٢ 2 |
ئۇنىڭ نوپۇز-ھەيۋىتى ۋە قۇدرىتىنى ئايان قىلغان بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرى، شۇنداقلا موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ئۆستۈرۈشى بىلەن ئېرىشكەن كاتتا شۆھرىتى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار مېدىئا ۋە پارس پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرىدە پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ |
لِأَنَّ مُرْدَخَايَ ٱلْيَهُودِيَّ كَانَ ثَانِيَ ٱلْمَلِكِ أَحَشْوِيرُوشَ، وَعَظِيمًا بَيْنَ ٱلْيَهُودِ، وَمَقْبُولًا عِنْدَ كَثْرَةِ إِخْوَتِهِ، طَالِبًا ٱلْخَيْرَ لِشَعْبِهِ وَمُتَكَلِّمًا بِٱلسَّلَامِ لِكُلِّ نَسْلِهِ. | ٣ 3 |
چۈنكى يەھۇدىي موردىكاينىڭ مەرتىۋىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشتىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى؛ ئۇ دائىم ئۆز خەلق-مىللىتىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، بارلىق نەسلىدىكىلەرگە ئامان-ئېسەنلىك تىلەك سۆزلىرىنى قىلاتتى، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا زور ئىززەت-ھۆرمەت تېپىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنىدى. |