«إِذَا وُجِدَ قَتِيلٌ فِي ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِي يُعْطِيكَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ لِتَمْتَلِكَهَا وَاقِعًا فِي ٱلْحَقْلِ، لَا يُعْلَمُ مَنْ قَتَلَهُ، | ١ 1 |
ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ ئىگىلەشكە بېرىدىغان زېمىندا، دالادا ئۆلتۈرۈلگەن بىر جەسەت تېپىلسا، ئەمما ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەم مەلۇم بولمىسا، |
يَخْرُجُ شُيُوخُكَ وَقُضَاتُكَ وَيَقِيسُونَ إِلَى ٱلْمُدُنِ ٱلَّتِي حَوْلَ ٱلْقَتِيلِ. | ٢ 2 |
ئاقساقاللىرىڭلار بىلەن سوراقچى بەگلىرىڭلار چىقىپ ئۆلۈك تېپىلغان يەر بىلەن ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچىسۇن؛ |
فَٱلْمَدِينَةُ ٱلْقُرْبَى مِنَ ٱلْقَتِيلِ، يَأْخُذُ شُيُوخُ تِلْكَ ٱلْمَدِينَةِ عِجْلَةً مِنَ ٱلْبَقَرِ لَمْ يُحْرَثْ عَلَيْهَا، لَمْ تَجُرَّ بِٱلنِّيرِ. | ٣ 3 |
ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئەڭ يېقىن شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى بولسا ئىشقا سېلىنمىغان، بويۇنتوروقمۇ سېلىنمىغان ئىنەك تېپىپ كەلسۇن؛ |
وَيَنْحَدِرُ شُيُوخُ تِلْكَ ٱلْمَدِينَةِ بِٱلْعِجْلَةِ إِلَى وَادٍ دَائِمِ ٱلسَّيَلَانِ لَمْ يُحْرَثْ فِيهِ وَلَمْ يُزْرَعْ، وَيَكْسِرُونَ عُنُقَ ٱلْعِجْلَةِ فِي ٱلْوَادِي. | ٤ 4 |
شۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئىنەكنى سۈيى توختىماي ئاقىدىغان، ھەيدىلىپ تېرىلمىغان بىر جىلغىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ جىلغىنىڭ ئۆزىدە ئىنەكنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتسۇن؛ |
ثُمَّ يَتَقَدَّمُ ٱلْكَهَنَةُ بَنُو لَاوِي، لِأَنَّهُ إِيَّاهُمُ ٱخْتَارَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ لِيَخْدِمُوهُ وَيُبَارِكُوا بِٱسْمِ ٱلرَّبِّ، وَحَسَبَ قَوْلِهِمْ تَكُونُ كُلُّ خُصُومَةٍ وَكُلُّ ضَرْبَةٍ، | ٥ 5 |
شۇ چاغدا لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلار ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلسۇن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلەشكە تاللىغاندۇر. ھەربىر دەۋا ۋە ھەربىر تاياق جازاسى ئۇلارنىڭ سۆزى بويىچە كېسىلسۇن. |
وَيَغْسِلُ جَمِيعُ شُيُوخِ تِلْكَ ٱلْمَدِينَةِ ٱلْقَرِيبِينَ مِنَ ٱلْقَتِيلِ أَيْدِيَهُمْ عَلَى ٱلْعِجْلَةِ ٱلْمَكْسُورَةِ ٱلْعُنُقِ فِي ٱلْوَادِي، | ٦ 6 |
ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئەڭ يېقىن شەھەردىكى ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى شۇ جىلغىغا كېلىپ، بوينى سۇندۇرۇلغان ئىنەكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، قوللىرىنى يۇيۇپ |
وَيُصَرِّحُونَ وَيَقُولُونَ: أَيْدِينَا لَمْ تَسْفِكْ هَذَا ٱلدَّمَ، وَأَعْيُنُنَا لَمْ تُبْصِرْ. | ٧ 7 |
گۇۋاھلىق بېرىپ: «قوللىرىمىز بولسا بۇ قاننى تۆكمىدى، كۆزلىرىمىز بۇ ئىشنى كۆرمىدى؛ |
اِغْفِرْ لِشَعْبِكَ إِسْرَائِيلَ ٱلَّذِي فَدَيْتَ يَا رَبُّ، وَلَا تَجْعَلْ دَمَ بَرِيءٍ فِي وَسَطِ شَعْبِكَ إِسْرَائِيلَ. فَيُغْفَرُ لَهُمُ ٱلدَّمُ. | ٨ 8 |
ئەي پەرۋەردىگار، سەن ئۆزۈڭ ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغان خەلقىڭ ئىسرائىلنى كەچۈرگەيسەن ۋە ناھەق ئاققان قاننىڭ گۇناھىنى ئىسرائىل خەلقىڭگە ئارتمىغايسەن» ــ دېسۇن؛ شۇنداق قىلىپ بۇ قان گۇناھىغا كافارەت كەلتۈرۈلگەن بولىدۇ. |
فَتَنْزِعُ ٱلدَّمَ ٱلْبَرِيءَ مِنْ وَسَطِكَ إِذَا عَمِلْتَ ٱلصَّالِحَ فِي عَيْنَيِ ٱلرَّبِّ. | ٩ 9 |
سىلەر شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلىپ ناھەق تۆكۈلگەن قاننىڭ گۇناھىنى ئۆزۈڭلاردىن چىقىرىۋەتكەن بولىسىلەر. |
«إِذَا خَرَجْتَ لِمُحَارَبَةِ أَعْدَائِكَ وَدَفَعَهُمُ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ إِلَى يَدِكَ، وَسَبَيْتَ مِنْهُمْ سَبْيًا، | ١٠ 10 |
ئەگەر سىلەر دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلغىلى چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا بەرگەچ، ئۇلاردىن ئەسىر ئالغان بولساڭلار، |
وَرَأَيْتَ فِي ٱلسَّبْيِ ٱمْرَأَةً جَمِيلَةَ ٱلصُّورَةِ، وَٱلْتَصَقْتَ بِهَا وَٱتَّخَذْتَهَا لَكَ زَوْجَةً، | ١١ 11 |
بۇ ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدا چىرايلىق بىر ئايالنى كۆرۈپ، كۆڭلۈڭ ئۇنىڭغا چۈشۈپ، ئۇنى ئەمرىڭگە ئېلىشنى خالىساڭ، |
فَحِينَ تُدْخِلُهَا إِلَى بَيْتِكَ تَحْلِقُ رَأْسَهَا وَتُقَلِّمُ أَظْفَارَهَا | ١٢ 12 |
ئۇنداقتا ئۇنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ بارغىن؛ ئۇ چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرناقلىرىنى ياساپ، |
وَتَنْزِعُ ثِيَابَ سَبْيِهَا عَنْهَا، وَتَقْعُدُ فِي بَيْتِكَ وَتَبْكِي أَبَاهَا وَأُمَّهَا شَهْرًا مِنَ ٱلزَّمَانِ، ثُمَّ بَعْدَ ذَلِكَ تَدْخُلُ عَلَيْهَا وَتَتَزَوَّجُ بِهَا، فَتَكُونُ لَكَ زَوْجَةً. | ١٣ 13 |
ئەسىرلىكتە كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىپ، ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ تولۇق بىر ئاي ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ماتەم توتسۇن؛ ئاندىن سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلىپ ئۇنىڭغا ئەر بولساڭ بولىدۇ. |
وَإِنْ لَمْ تُسَرَّ بِهَا فَأَطْلِقْهَا لِنَفْسِهَا. لَا تَبِعْهَا بَيْعًا بِفِضَّةٍ، وَلَا تَسْتَرِقَّهَا مِنْ أَجْلِ أَنَّكَ قَدْ أَذْلَلْتَهَا. | ١٤ 14 |
كېيىن، ئەگەردە كۆڭلۈڭ ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇ قەيەرنى خالىسا، بارغىلى قويۇشۇڭ كېرەك؛ ئۇنى پۇلغا ساتمىغىن ۋە ئۇنىڭغا دېدەكتەك مۇئامىلە قىلمىغىن، چۈنكى سەن ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلىپ ئۇيات قىلغانسەن. |
«إِذَا كَانَ لِرَجُلٍ ٱمْرَأَتَانِ، إِحْدَاهُمَا مَحْبُوبَةٌ وَٱلْأُخْرَى مَكْرُوهَةٌ، فَوَلَدَتَا لَهُ بَنِينَ، ٱلْمَحْبُوبَةُ وَٱلْمَكْرُوهَةُ. فَإِنْ كَانَ ٱلِٱبْنُ ٱلْبِكْرُ لِلْمَكْرُوهَةِ، | ١٥ 15 |
ئەگەر بىرسىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرىگە ئامراقلىق، يەنە بىرىگە ئۆچلۈك قىلغان بولسا ۋە ئامراق ۋە ئۆچ بولغان ھەر ئىككىسىدىن ئوغۇل تۇغۇلغان بولسا، تۇنجىسىنى ئۆچ ئايالىدىن تاپقان بولسا |
فَيَوْمَ يَقْسِمُ لِبَنِيهِ مَا كَانَ لَهُ، لَا يَحِلُّ لَهُ أَنْ يُقَدِّمَ ٱبْنَ ٱلْمَحْبُوبَةِ بِكْرًا عَلَى ٱبْنِ ٱلْمَكْرُوهَةِ ٱلْبِكْرِ، | ١٦ 16 |
ئۇنداقتا ئۇ كىشى ئوغۇللىرىغا بارىنى مىراس ئۈچۈن ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن كۈنىدە ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئورنىغا ئامراق ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغۇللۇققا قويۇشقا بولمايدۇ. |
بَلْ يَعْرِفُ ٱبْنَ ٱلْمَكْرُوهَةِ بِكْرًا لِيُعْطِيَهُ نَصِيبَ ٱثْنَيْنِ مِنْ كُلِّ مَا يُوجَدُ عِنْدَهُ، لِأَنَّهُ هُوَ أَوَّلُ قُدْرَتِهِ. لَهُ حَقُّ ٱلْبَكُورِيَّةِ. | ١٧ 17 |
ئۇ بەلكى ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغلۇم دەپ ئېتىراپ قىلسۇن؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى بار ۋاقتىدىكى دەسلەپكى مېۋىسىدۇر؛ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقى ئۇنىڭكى بولغاچقا، ئاتىسى بارلىق مال-مۈلۈكتىن ئۇنىڭغا ئىككى ئۈلۈش مىراس بەرسۇن. |
«إِذَا كَانَ لِرَجُلٍ ٱبْنٌ مُعَانِدٌ وَمَارِدٌ لَا يَسْمَعُ لِقَوْلِ أَبِيهِ وَلَا لِقَوْلِ أُمِّهِ، وَيُؤَدِّبَانِهِ فَلَا يَسْمَعُ لَهُمَا. | ١٨ 18 |
ئەگەر بىرسىنىڭ باشباشتاق ۋە ئىتائەتسىز ئوغلى بولسا، ئۇ نە ئاتىسىنىڭ سۆزىگە، نە ئانىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ھەتتا تاياق-تەربىيىمۇ كار قىلماي، ئۇلارنىڭ گېپىنى يەنىلا ئاڭلىمىسا، |
يُمْسِكُهُ أَبُوهُ وَأُمُّهُ وَيَأْتِيَانِ بِهِ إِلَى شُيُوخِ مَدِينَتِهِ وَإِلَى بَابِ مَكَانِهِ، | ١٩ 19 |
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۇتۇپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن؛ |
وَيَقُولَانِ لِشُيُوخِ مَدِينَتِهِ: ٱبْنُنَا هَذَا مُعَانِدٌ وَمَارِدٌ لَا يَسْمَعُ لِقَوْلِنَا، وَهُوَ مُسْرِفٌ وَسِكِّيرٌ. | ٢٠ 20 |
ئۇلار شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەرز قىلىپ: ــ «بۇ ئوغلىمىز باشباشتاقلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سۆزىمىزنى ئاڭلىماي يۈرىدۇ؛ ئۇ نەپسى يامان، شارابخور بولۇپ قالدى» دەپ ئېيتسۇن. |
فَيَرْجُمُهُ جَمِيعُ رِجَالِ مَدِينَتِهِ بِحِجَارَةٍ حَتَّى يَمُوتَ. فَتَنْزِعُ ٱلشَّرَّ مِنْ بَيْنِكُمْ، وَيَسْمَعُ كُلُّ إِسْرَائِيلَ وَيَخَافُونَ. | ٢١ 21 |
شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ھەممە خەلقى بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. سىلەر بۇ يول بىلەن ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر؛ پۈتكۈل ئىسرائىل بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قورقىدىغان بولىدۇ. |
«وَإِذَا كَانَ عَلَى إِنْسَانٍ خَطِيَّةٌ حَقُّهَا ٱلْمَوْتُ، فَقُتِلَ وَعَلَّقْتَهُ عَلَى خَشَبَةٍ، | ٢٢ 22 |
ئەگەر بىرسى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۆلتۈرۈلگەن بولسا ۋە جەسىتىنى بىر دەرەخكە ئېسىپ قويغان بولساڭلار، |
فَلَا تَبِتْ جُثَّتُهُ عَلَى ٱلْخَشَبَةِ، بَلْ تَدْفِنُهُ فِي ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ، لِأَنَّ ٱلْمُعَلَّقَ مَلْعُونٌ مِنَ ٱللهِ. فَلَا تُنَجِّسْ أَرْضَكَ ٱلَّتِي يُعْطِيكَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ نَصِيبًا. | ٢٣ 23 |
ئۆلۈكى كېچىچە دەرەختە قالمىسۇن؛ قانداقلا بولمىسۇن، سىلەر دەرەخكە ئېسىلغۇچىنى شۇ كۈندە كۆمۈۋېتىڭلار (چۈنكى كىمدەكىم [دەرەخكە] ئېسىلغان بولسا، خۇدا تەرىپىدىن لەنەتكە قالدۇرۇلغان كىشى ھېسابلىنىدۇ). شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر. |