سِمْعَانُ بُطْرُسُ عَبْدُ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ وَرَسُولُهُ، إِلَى ٱلَّذِينَ نَالُوا مَعَنَا إِيمَانًا ثَمِينًا مُسَاوِيًا لَنَا، بِبِرِّ إِلَهِنَا وَٱلْمُخَلِّصِ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ: | ١ 1 |
ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى ۋە روسۇلى بولغان مەنكى سىمېئون پېترۇستىن خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر قىلىنغانلارغا سالام! |
لِتَكْثُرْ لَكُمُ ٱلنِّعْمَةُ وَٱلسَّلَامُ بِمَعْرِفَةِ ٱللهِ وَيَسُوعَ رَبِّنَا. | ٢ 2 |
سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى چوڭقۇر تونۇغانسېرى، مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاشقاي! |
كَمَا أَنَّ قُدْرَتَهُ ٱلْإِلَهِيَّةَ قَدْ وَهَبَتْ لَنَا كُلَّ مَا هُوَ لِلْحَيَاةِ وَٱلتَّقْوَى، بِمَعْرِفَةِ ٱلَّذِي دَعَانَا بِٱلْمَجْدِ وَٱلْفَضِيلَةِ، | ٣ 3 |
بۇ [دۇئايىمنىڭ] ئاساسى ــ بىز بىزنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنى چوڭقۇر تونۇغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىلاھىي كۈچ-قۇدرىتى ھاياتىمىزغا ۋە ئىخلاسمەنلىكتە مېڭىشىمىزغا كېرەكلىك بولغان ھەممىنى ئاتا قىلدى. |
ٱللَّذَيْنِ بِهِمَا قَدْ وَهَبَ لَنَا ٱلْمَوَاعِيدَ ٱلْعُظْمَى وَٱلثَّمِينَةَ، لِكَيْ تَصِيرُوا بِهَا شُرَكَاءَ ٱلطَّبِيعَةِ ٱلْإِلَهِيَّةِ، هَارِبِينَ مِنَ ٱلْفَسَادِ ٱلَّذِي فِي ٱلْعَالَمِ بِٱلشَّهْوَةِ. | ٤ 4 |
ئۇ مۇشۇ پەزىلەتلىرى ئارقىلىق بىزگە قىممەتلىك، ئەڭ ئۇلۇغ ۋەدىلەرنى بەردى، بۇلار بىلەن سىلەر بۇ دۇنيادىكى ھاۋايى-ھەۋەسلەردىن بولغان ئىپلاسلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدالىق تەبىئەتكە ئورتاق نېسىپ بولالايسىلەر. |
وَلِهَذَا عَيْنِهِ -وَأَنْتُمْ بَاذِلُونَ كُلَّ ٱجْتِهَادٍ- قَدِّمُوا فِي إِيمَانِكُمْ فَضِيلَةً، وَفِي ٱلْفَضِيلَةِ مَعْرِفَةً، | ٥ 5 |
دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا بىلىمنى، |
وَفِي ٱلْمَعْرِفَةِ تَعَفُّفًا، وَفِي ٱلتَّعَفُّفِ صَبْرًا، وَفِي ٱلصَّبْرِ تَقْوَى، | ٦ 6 |
بىلىمىڭلارغا تەمكىنلىكنى، تەمكىنلىكىڭلارغا چىداملىقنى، چىداملىقىڭلارغا ئىخلاسمەنلىكنى، |
وَفِي ٱلتَّقْوَى مَوَدَّةً أَخَوِيَّةً، وَفِي ٱلْمَوَدَّةِ ٱلْأَخَوِيَّةِ مَحَبَّةً. | ٧ 7 |
ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقنى، قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنى قوشۇشقا ئىنتىلىڭلار. |
لِأَنَّ هَذِهِ إِذَا كَانَتْ فِيكُمْ وَكَثُرَتْ، تُصَيِّرُكُمْ لَا مُتَكَاسِلِينَ وَلَا غَيْرَ مُثْمِرِينَ لِمَعْرِفَةِ رَبِّنَا يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ. | ٨ 8 |
چۈنكى بۇ خۇسۇسىيەتلەر سىلەردە بار بولسا، شۇنداقلا ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسا، بۇلار سىلەرنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى چوڭقۇر تونۇشقا [ئىنتىلىشتە] ئىش-ئەمەلسىز ۋە مېۋىسىز قالدۇرمايدۇ. |
لِأَنَّ ٱلَّذِي لَيْسَ عِنْدَهُ هَذِهِ، هُوَ أَعْمَى قَصِيرُ ٱلْبَصَرِ، قَدْ نَسِيَ تَطْهِيرَ خَطَايَاهُ ٱلسَّالِفَةِ. | ٩ 9 |
ئەممە ئەگەر بىرسىدە بۇلار كەم بولسا، ئۇ كور ئادەمدۇر ــ ئۇ بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان، ئىلگىرىكى گۇناھلىرىدىن پاك قىلىنغىنىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. |
لِذَلِكَ بِٱلْأَكْثَرِ ٱجْتَهِدُوا أَيُّهَا ٱلْإِخْوَةُ أَنْ تَجْعَلُوا دَعْوَتَكُمْ وَٱخْتِيَارَكُمْ ثَابِتَيْنِ. لِأَنَّكُمْ إِذَا فَعَلْتُمْ ذَلِكَ، لَنْ تَزِلُّوا أَبَدًا. | ١٠ 10 |
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، سىلەر [خۇدا تەرىپىدىن] چاقىرىلغانلىقىڭلارنى، شۇنداقلا تاللانغانلىقىڭلارنى جەزملەشتۈرۈشكە ئىنتىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان تېيىلىپ كەتمەيسىلەر. |
لِأَنَّهُ هَكَذَا يُقَدَّمُ لَكُمْ بِسِعَةٍ دُخُولٌ إِلَى مَلَكُوتِ رَبِّنَا وَمُخَلِّصِنَا يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ ٱلْأَبَدِيِّ. (aiōnios g166) | ١١ 11 |
شۇنداق بولغاندا رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر. (aiōnios g166) |
لِذَلِكَ لَا أُهْمِلُ أَنْ أُذَكِّرَكُمْ دَائِمًا بِهَذِهِ ٱلْأُمُورِ، وَإِنْ كُنْتُمْ عَالِمِينَ وَمُثَبَّتِينَ فِي ٱلْحَقِّ ٱلْحَاضِرِ. | ١٢ 12 |
شۇڭا، گەرچە سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەن بولساڭلارمۇ، شۇنداقلا بىزگە ئىگە قىلىنغان ھەقىقەتتە مۇستەھكەملەنگەن بولساڭلارمۇ، مەن يەنىلا ھەردائىم بۇ ئىشلارنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. |
وَلَكِنِّي أَحْسِبُهُ حَقًّا - مَا دُمْتُ فِي هَذَا ٱلْمَسْكَنِ- أَنْ أُنْهِضَكُمْ بِٱلتَّذْكِرَةِ، | ١٣ 13 |
دەرۋەقە، مەن مۇشۇ چېدىرىمدا بولساملا، بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆرىمەن. |
عَالِمًا أَنَّ خَلْعَ مَسْكَنِي قَرِيبٌ، كَمَا أَعْلَنَ لِي رَبُّنَا يَسُوعُ ٱلْمَسِيحُ أَيْضًا. | ١٤ 14 |
چۈنكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، مېنىڭ بۇ چېدىرىم پات ئارىدا ئۇچامدىن سېلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. |
فَأَجْتَهِدُ أَيْضًا أَنْ تَكُونُوا بَعْدَ خُرُوجِي، تَتَذَكَّرُونَ كُلَّ حِينٍ بِهَذِهِ ٱلْأُمُورِ. | ١٥ 15 |
بەرھەق، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىنمۇ ھەرۋاقىت ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە ئىنتىلىمەن. |
لِأَنَّنَا لَمْ نَتْبَعْ خُرَافَاتٍ مُصَنَّعَةً، إِذْ عَرَّفْنَاكُمْ بِقُوَّةِ رَبِّنَا يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ وَمَجِيئِهِ، بَلْ قَدْ كُنَّا مُعَايِنِينَ عَظَمَتَهُ. | ١٦ 16 |
چۈنكى بىز سىلەرگە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھازىر بولۇشىنى ئۇقتۇرغىنىمىزدا ھەرگىزمۇ ھىيلىگەرلىكتىن ئويدۇرۇپ چىقىلغان رىۋايەتلەرگە ئەگەشمىدۇق، بەلكى بىز ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك شان-شۆھرىتىگە ئۆز كۆزىمىز بىلەن گۇۋاھچىمىز. |
لِأَنَّهُ أَخَذَ مِنَ ٱللهِ ٱلْآبِ كَرَامَةً وَمَجْدًا، إِذْ أَقْبَلَ عَلَيْهِ صَوْتٌ كَهَذَا مِنَ ٱلْمَجْدِ ٱلْأَسْنَى: «هَذَا هُوَ ٱبْنِي ٱلْحَبِيبُ ٱلَّذِي أَنَا سُرِرْتُ بِهِ». | ١٧ 17 |
چۈنكى ئۇ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىدىن شان-شۆھرەت ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئاشۇ ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك يەردىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن شۇنداق زور بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلۈپ ئاڭلاندى. |
وَنَحْنُ سَمِعْنَا هَذَا ٱلصَّوْتَ مُقْبِلًا مِنَ ٱلسَّمَاءِ، إِذْ كُنَّا مَعَهُ فِي ٱلْجَبَلِ ٱلْمُقَدَّسِ. | ١٨ 18 |
مۇقەددەس تاغدا بىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تۇرغان بولغاچقا، ئەرشتىن بۇ ئاۋاز ئاڭلانغىنىدا بىزمۇ ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئۇنى ئاڭلىدۇق. |
وَعِنْدَنَا ٱلْكَلِمَةُ ٱلنَّبَوِيَّةُ، وَهِيَ أَثْبَتُ، ٱلَّتِي تَفْعَلُونَ حَسَنًا إِنِ ٱنْتَبَهْتُمْ إِلَيْهَا، كَمَا إِلَى سِرَاجٍ مُنِيرٍ فِي مَوْضِعٍ مُظْلِمٍ، إِلَى أَنْ يَنْفَجِرَ ٱلنَّهَارُ، وَيَطْلَعَ كَوْكَبُ ٱلصُّبْحِ فِي قُلُوبِكُمْ، | ١٩ 19 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تولىمۇ ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام باردۇر؛ سىلەر تاڭ سۈزۈلگۈچە، تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە بۇ سۆز-كالامغا قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر (بۇ سۆز-كالام خۇددى قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغقا ئوخشاشتۇر). |
عَالِمِينَ هَذَا أَوَّلًا: أَنَّ كُلَّ نُبُوَّةِ ٱلْكِتَابِ لَيْسَتْ مِنْ تَفْسِيرٍ خَاصٍّ. | ٢٠ 20 |
شۇنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقايسى ۋەھىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە يەتكۈزۈلگەن ئەمەس. |
لِأَنَّهُ لَمْ تَأْتِ نُبُوَّةٌ قَطُّ بِمَشِيئَةِ إِنْسَانٍ، بَلْ تَكَلَّمَ أُنَاسُ ٱللهِ ٱلْقِدِّيسُونَ مَسُوقِينَ مِنَ ٱلرُّوحِ ٱلْقُدُسِ. | ٢١ 21 |
چۈنكى ھېچقانداق ۋەھىي-بېشارەت ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلگەن ئەمەس، ئۇ بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس ئادەملىرى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يېتەكلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئېيتقان سۆز-كالامدۇر. |