وَقَالَ أَلِيشَعُ: «ٱسْمَعُوا كَلَامَ ٱلرَّبِّ. هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: فِي مِثْلِ هَذَا ٱلْوَقْتِ غَدًا تَكُونُ كَيْلَةُ ٱلدَّقِيقِ بِشَاقِلٍ، وَكَيْلَتَا ٱلشَّعِيرِ بِشَاقِلٍ فِي بَابِ ٱلسَّامِرَةِ». | ١ 1 |
ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىدا بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە ۋە ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە سېتىلىدۇ، ــ دېدى. |
وَإِنَّ جُنْدِيًّا لِلْمَلِكِ كَانَ يَسْتَنِدُ عَلَى يَدِهِ أَجَابَ رَجُلَ ٱللهِ وَقَالَ: «هُوَذَا ٱلرَّبُّ يَصْنَعُ كُوًى فِي ٱلسَّمَاءِ! هَلْ يَكُونُ هَذَا ٱلْأَمْرُ؟» فَقَالَ: «إِنَّكَ تَرَى بِعَيْنَيْكَ، وَلَكِنْ لَا تَأْكُلُ مِنْهُ». | ٢ 2 |
ئەمما پادىشاھ بېلىكىنى تۇتۇپ ماڭغان قوشۇن ئەمەلدارى بولسا، خۇدانىڭ ئادىمىگە: مانا، ھەتتا پەرۋەردىگار ئاسمانغا تۈڭلۈك ئاچسىمۇ، ئۇنداق ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟! دېدى. ئۇ: ــ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن شۇنىڭدىن يېمەيسەن، دېدى. |
وَكَانَ أَرْبَعَةُ رِجَالٍ بُرْصٍ عِنْدَ مَدْخَلِ ٱلْبَابِ، فَقَالَ أَحَدُهُمْ لِصَاحِبِهِ: «لِمَاذَا نَحْنُ جَالِسُونَ هُنَا حَتَّى نَمُوتَ؟ | ٣ 3 |
ئەمدى دەرۋازىنىڭ تۈۋىدە تۆت ماخاۋ كېسىلى بار ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە: نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟ |
إِذَا قُلْنَا نَدْخُلُ ٱلْمَدِينَةَ، فَٱلْجُوعُ فِي ٱلْمَدِينَةِ فَنَمُوتُ فِيهَا. وَإِذَا جَلَسْنَا هُنَا نَمُوتُ. فَٱلْآنَ هَلُمَّ نَسْقُطْ إِلَى مَحَلَّةِ ٱلْأَرَامِيِّينَ، فَإِنِ اِسْتَحْيَوْنَا حَيِينَا، وَإِنْ قَتَلُونَا مُتْنَا». | ٤ 4 |
شەھەرگە كىرەيلى دېسەك، شەھەردە ئاچارچىلىق بولغاچقا، ئۇ يەردە ئۆلىمىز؛ بۇ يەردە ئولتۇرساقمۇ ئۆلىمىز. قوپۇپ سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا كېتەيلى. ئۇلار بىزنى ئايىسا تىرىك قالىمىز؛ بىزنى ئۆلتۈرەيلى دېسە ئۆلىمىز، خالاس، ــ دېيىشتى. |
فَقَامُوا فِي ٱلْعِشَاءِ لِيَذْهَبُوا إِلَى مَحَلَّةِ ٱلْأَرَامِيِّينَ. فَجَاءُوا إِلَى آخِرِ مَحَلَّةِ ٱلْأَرَامِيِّينَ فَلَمْ يَكُنْ هُنَاكَ أَحَدٌ. | ٥ 5 |
شۇنى دەپ ئۇلار كەچقۇرۇن سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا بارغىلى قوپتى. لەشكەرگاھىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، مانا ھېچ كىشى يوق ئىدى. |
فَإِنَّ ٱلرَّبَّ أَسْمَعَ جَيْشَ ٱلْأَرَامِيِّينَ صَوْتَ مَرْكَبَاتٍ وَصَوْتَ خَيْلٍ، صَوْتَ جَيْشٍ عَظِيمٍ. فَقَالُوا ٱلْوَاحِدُ لِأَخِيهِ: «هُوَذَا مَلِكُ إِسْرَائِيلَ قَدِ ٱسْتَأْجَرَ ضِدَّنَا مُلُوكَ ٱلْحِثِّيِّينَ وَمُلُوكَ ٱلْمِصْرِيِّينَ لِيَأْتُوا عَلَيْنَا». | ٦ 6 |
چۈنكى پەرۋەردىگار سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە زور چوڭ قوشۇننىڭ ساداسىنى ئاڭلاتقانىدى. شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار بىر-بىرىگە: مانا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىشەك ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ئۈستىمىزگە ھۇجۇم قىلغىلى ياللىۋاپتۇ، دېيىشتى؛ |
فَقَامُوا وَهَرَبُوا فِي ٱلْعِشَاءِ وَتَرَكُوا خِيَامَهُمْ وَخَيْلَهُمْ وَحَمِيرَهُمُ، ٱلْمَحَلَّةَ كَمَا هِيَ، وَهَرَبُوا لِأَجْلِ نَجَاةِ أَنْفُسِهِمْ. | ٧ 7 |
كەچقۇرۇن قوزغىلىپ چېدىرلىرىنى، ئات بىلەن ئېشەكلىرىنى تاشلاپ لەشكەرگاھنى شۇ پېتى قويۇپ، ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەدەر قاچقانىدى. |
وَجَاءَ هَؤُلَاءِ ٱلْبُرْصُ إِلَى آخِرِ ٱلْمَحَلَّةِ وَدَخَلُوا خَيْمَةً وَاحِدَةً، فَأَكَلُوا وَشَرِبُوا وَحَمَلُوا مِنْهَا فِضَّةً وَذَهَبًا وَثِيَابًا وَمَضَوْا وَطَمَرُوهَا. ثُمَّ رَجَعُوا وَدَخَلُوا خَيْمَةً أُخْرَى وَحَمَلُوا مِنْهَا وَمَضَوْا وَطَمَرُوا. | ٨ 8 |
ماخاۋ كېسىلى بار ئادەملەر لەشكەرگاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىر چېدىرغا كىرىپ، يەپ-ئىچىپ ئۇنىڭدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە كىيىملەرنى ئېلىپ يوشۇرۇپ قويۇشتى. ئاندىن ئۇلار يېنىپ كېلىپ، يەنە بىر چېدىرغا كىرىپ ئۇ يەردىكى ئولجىنىمۇ ئېلىپ يوشۇرۇپ قويۇشتى. |
ثُمَّ قَالَ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ: «لَسْنَا عَامِلِينَ حَسَنًا. هَذَا ٱلْيَوْمُ هُوَ يَوْمُ بِشَارَةٍ وَنَحْنُ سَاكِتُونَ، فَإِنِ ٱنْتَظَرْنَا إِلَى ضَوْءِ ٱلصَّبَاحِ يُصَادِفُنَا شَرٌّ. فَهَلُمَّ ٱلْآنَ نَدْخُلْ وَنُخْبِرْ بَيْتَ ٱلْمَلِكِ». | ٩ 9 |
ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە: بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز دۇرۇس ئەمەس. بۈگۈن قۇتلۇق خەۋەر بار كۈندۇر، لېكىن بىز تىنماي تۇرۇۋاتىمىز. سەھەرگىچە قالساق بۇ يامانلىق بېشىمىزغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى بېرىپ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزەيلى، دېدى. |
فَجَاءُوا وَدَعَوْا بَوَّابَ ٱلْمَدِينَةِ وَأَخْبَرُوهُ قَائِلِينَ: «إِنَّنَا دَخَلْنَا مَحَلَّةَ ٱلْأَرَامِيِّينَ فَلَمْ يَكُنْ هُنَاكَ أَحَدٌ وَلَا صَوْتُ إِنْسَانٍ، وَلَكِنْ خَيْلٌ مَرْبُوطَةٌ وَحَمِيرٌ مَرْبُوطَةٌ وَخِيَامٌ كَمَا هِيَ». | ١٠ 10 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېرىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىكى پاسىبانلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: بىز سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا چىقساق، مانا ھېچكىم يوق ئىكەن، ھەتتا ئادەمنىڭ شەپەسىمۇ يوقتۇر؛ بەلكى ئاتلار باغلاقلىق، ئېشەكلەر باغلاقلىق بولۇپ، چېدىرلار ئەينى پېتى تۇرىدۇ، دېدى. |
فَدَعَا ٱلْبَوَّابِينَ فَأَخْبَرُوا بَيْتَ ٱلْمَلِكِ دَاخِلًا. | ١١ 11 |
دەرۋازىدىكى پاسىبانلار شۇ خەۋەرنى توۋلاپ ئېلان قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا خەۋەر يەتكۈزدى. |
فَقَامَ ٱلْمَلِكُ لَيْلًا وَقَالَ لِعَبِيدِهِ: «لَأُخْبِرَنَّكُمْ مَا فَعَلَ لَنَا ٱلْأَرَامِيُّونَ. عَلِمُوا أَنَّنَا جِيَاعٌ فَخَرَجُوا مِنَ ٱلْمَحَلَّةِ لِيَخْتَبِئُوا فِي حَقْلٍ قَائِلِينَ: إِذَا خَرَجُوا مِنَ ٱلْمَدِينَةِ قَبَضْنَا عَلَيْهِمْ أَحْيَاءً وَدَخَلْنَا ٱلْمَدِينَةَ». | ١٢ 12 |
پادىشاھ كېچىسى قوپۇپ خىزمەتكارلىرىغا: ــ مەن سۇرىيلەرنىڭ بىزگە نېمە قىلماقچى بولغىنىنى سىلەرگە دەپ بېرەي. ئۇلار بىزنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغىنىمىزنى بىلىپ، لەشكەرگاھدىن چىقىپ دالادا مۆكۈنۈۋېلىپ: ــ ئىسرائىللار شەھەردىن چىقسا، بىز ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، ئاندىن شەھەرگە كىرەلەيمىز، دېيىشكەن گەپ، دېدى. |
فَأَجَابَ وَاحِدٌ مِنْ عَبِيدِهِ وَقَالَ: «فَلْيَأْخُذُوا خَمْسَةً مِنَ ٱلْخَيْلِ ٱلْبَاقِيَةِ ٱلَّتِي بَقِيَتْ فِيهَا. هِيَ نَظِيرُ كُلِّ جُمْهُورِ إِسْرَائِيلَ ٱلَّذِينَ بَقَوْا بِهَا، أَوْ هِيَ نَظِيرُ كُلِّ جُمْهُورِ إِسْرَائِيلَ ٱلَّذِينَ فَنَوْا. فَنُرْسِلُ وَنَرَى». | ١٣ 13 |
خىزمەتكارلىرىدىن بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ بىرنەچچە كىشىنى شەھەردە قالغان ئاتلاردىن بەشنى ئېلىپ (ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى بۇ يەردە قالغان ئىسرائىلنىڭ بارلىق كىشىلىرىنىڭكىدىن، ھەتتا ھالاك بولغانلارنىڭكىدىن بەتتەر بولمايدۇ!)، ئۇلارنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتەيلى، دېدى. |
فَأَخَذُوا مَرْكَبَتَيْ خَيْلٍ. وَأَرْسَلَ ٱلْمَلِكُ وَرَاءَ جَيْشِ ٱلْأَرَامِيِّينَ قَائِلًا: «ٱذْهَبُوا وَٱنْظُرُوا». | ١٤ 14 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئۇلارغا قاتىدىغان ئاتلارنى تەييار قىلدى. پادىشاھ ئۇلارنى سۇرىيلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ كەينىدىن ئەۋەتىپ: ــ بېرىپ ئەھۋالنى كۆرۈپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. |
فَٱنْطَلَقُوا وَرَاءَهُمْ إِلَى ٱلْأُرْدُنِّ، وَإِذَا كُلُّ ٱلطَّرِيقِ مَلآنٌ ثِيَابًا وَآنِيَةً قَدْ طَرَحَهَا ٱلْأَرَامِيُّونَ مِنْ عَجَلَتِهِمْ. فَرَجَعَ ٱلرُّسُلُ وَأَخْبَرُوا ٱلْمَلِكَ. | ١٥ 15 |
بۇلار ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئىئوردان دەرياسىغىچە قوغلاپ باردى؛ ۋە مانا، پۈتكۈل يول بويى سۇرىيلەر ئالدىراپ قاچقاندا تاشلىۋەتكەن كىيىم-كېچەك ۋە ھەرخىل ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر بىلەن تولغانىدى. ئەلچىلەر يېنىپ كېلىپ پادىشاھقا شۇنى خەۋەر قىلدى. |
فَخَرَجَ ٱلشَّعْبُ وَنَهَبُوا مَحَلَّةَ ٱلْأَرَامِيِّينَ. فَكَانَتْ كَيْلَةُ ٱلدَّقِيقِ بِشَاقِلٍ، وَكَيْلَتَا ٱلشَّعِيرِ بِشَاقِلٍ حَسَبَ كَلَامِ ٱلرَّبِّ. | ١٦ 16 |
ئۇ ۋاقىتتا خەلق چىقىپ سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن ئولجىلارنى تالىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزىدەك، بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە، ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە سېتىلدى. |
وَأَقَامَ ٱلْمَلِكُ عَلَى ٱلْبَابِ ٱلْجُنْدِيَّ ٱلَّذِي كَانَ يَسْتَنِدُ عَلَى يَدِهِ، فَدَاسَهُ ٱلشَّعْبُ فِي ٱلْبَابِ، فَمَاتَ كَمَا قَالَ رَجُلُ ٱللهِ ٱلَّذِي تَكَلَّمَ عِنْدَ نُزُولِ ٱلْمَلِكِ إِلَيْهِ. | ١٧ 17 |
ئەمدى پادىشاھ بىلىكىنى تۇتۇپ ماڭغان ھېلىقى ئەمەلدارنى دەرۋازىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەپ قويغانىدى. ئەمدى خالايىق دەرۋازىدىن [ئېتىلىپ چىققاندا] ئۇنى دەسسەپ-چەيلىۋەتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. بۇ ئىش پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنى تۇتماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بارغاندا، دەل ئېلىشا ئېيتقاندەك بولدى. |
فَإِنَّهُ لَمَّا تَكَلَّمَ رَجُلُ ٱللهِ إِلَى ٱلْمَلِكِ قَائِلًا: «كَيْلَتَا شَعِيرٍ بِشَاقِلٍ وَكَيْلَةُ دَقِيقٍ بِشَاقِلٍ تَكُونُ فِي مِثْلِ هَذَا ٱلْوَقْتِ غَدًا فِي بَابِ ٱلسَّامِرَةِ» | ١٨ 18 |
شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئادىمى پادىشاھقا ئېيتقان شۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىدا ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە ۋە بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە سېتىلىدۇ». |
وَأَجَابَ ٱلْجُنْدِيُّ رَجُلَ ٱللهِ وَقَالَ: «هُوَذَا ٱلرَّبُّ يَصْنَعُ كُوًى فِي ٱلسَّمَاءِ! هَلْ يَكُونُ مِثْلَ هَذَا ٱلْأَمْرِ؟» قَالَ: «إِنَّكَ تَرَى بِعَيْنَيْكَ وَلَكِنَّكَ لَا تَأْكُلُ مِنْهُ». | ١٩ 19 |
ئەمما ھېلىقى ئەمەلدار خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ «مانا، ھەتتا پەرۋەردىگار ئاسمانغا تۈڭلۈك ئاچسىمۇ، ئۇنداق بىر ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟!» دېگەنىدى. ئۇ: ــ «سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن شۇنىڭدىن يېمەيسەن»، دېگەنىدى. |
فَكَانَ لَهُ كَذَلِكَ. دَاسَهُ ٱلشَّعْبُ فِي ٱلْبَابِ فَمَاتَ. | ٢٠ 20 |
ئۇنىڭغا ھەم دەل شۇنداق بولدى؛ چۈنكى خەلق ئۇنى دەرۋازىدا دەسسەپ ئۆلتۈرگەنىدى. |