مَلَكَ حَزَقِيَّا وَهُوَ ٱبْنُ خَمْسٍ وَعِشْرِينَ سَنَةً، وَمَلَكَ تِسْعًا وَعِشْرِينَ سَنَةً فِي أُورُشَلِيمَ، وَٱسْمُ أُمِّهِ أَبِيَّةُ بِنْتُ زَكَرِيَّا. | ١ 1 |
ھەزەكىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا بولۇپ، زەكەرىيانىڭ قىزى ئىدى. |
وَعَمِلَ ٱلْمُسْتَقِيمَ فِي عَيْنَيِ ٱلرَّبِّ حَسَبَ كُلِّ مَا عَمِلَ دَاوُدُ أَبُوهُ. | ٢ 2 |
[ھەزەكىيا] ئاتىسى داۋۇت بارلىق قىلغانلىرىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. |
هُوَ فيِ ٱلسَّنَةِ ٱلْأُولَى مِنْ مُلْكِهِ فِي ٱلشَّهْرِ ٱلْأَوَّلِ فَتَحَ أَبْوَابَ بَيْتِ ٱلرَّبِّ وَرَمَّمَهَا. | ٣ 3 |
ئۇ تەختكە چىققان بىرىنچى يىلىنىڭ بىرىنچى ئېيىدا پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچتۇرۇپ، يېڭىباشتىن ياساتتى. |
وَأَدْخَلَ ٱلْكَهَنَةَ وَٱللَّاوِيِّينَ وَجَمَعَهُمْ إِلَى ٱلسَّاحَةِ ٱلشَّرْقِيَّةِ، | ٤ 4 |
ئۇ كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى [خۇدانىڭ ئۆيىگە] چاقىرىپ كېلىپ، [ئالدىنقى] ھويلىسىنىڭ مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىگە يىغىپ، |
وَقَالَ لَهُمُ: «ٱسْمَعُوا لِي أَيُّهَا ٱللَّاوِيُّونَ، تَقَدَّسُوا ٱلْآنَ وَقَدِّسُوا بَيْتَ ٱلرَّبِّ إِلَهِ آبَائِكُمْ، وَأَخْرِجُوا ٱلنَّجَاسَةَ مِنَ ٱلْقُدْسِ، | ٥ 5 |
ئۇلارغا: ــ ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاپ پاكىزلاڭلار ۋە ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئۇنىڭغا مۇقەددەس قىلىپ پاكىزلاڭلار، مۇقەددەسخانىدىن بارلىق پاسكىنا نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاڭلار. |
لِأَنَّ آبَاءَنَا خَانُوا وَعَمِلُوا ٱلشَّرَّ فِي عَيْنَيِ ٱلرَّبِّ إِلَهِنَا وَتَرَكُوهُ، وَحَوَّلُوا وُجُوهَهُمْ عَنْ مَسْكَنِ ٱلرَّبِّ وَأَعْطَوْا قَفًا، | ٦ 6 |
چۈنكى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاسىيلىق قىلىپ، خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى، پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇسىدىن يۈزىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئارقىنى قىلدى. |
وَأَغْلَقُوا أَيْضًا أَبْوَابَ ٱلرِّوَاقِ وَأَطْفَأُوا ٱلسُّرُجَ وَلَمْ يُوقِدُوا بَخُورًا وَلَمْ يُصْعِدُوا مُحْرَقَةً فِي ٱلْقُدْسِ لِإِلَهِ إِسْرَائِيلَ. | ٧ 7 |
ئۇلار ئايۋاننىڭ ئىشىكلىرىنى ئېتىۋەتكەن، چىراغلارنى ئۆچۈرىۋەتكەن، خۇشبۇي ياقمىغانىدى ۋە مۇقەددەسخانىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا ھېچ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنمايدىغان بولۇپ كەتكەنىدى؛ |
فَكَانَ غَضَبُ ٱلرَّبِّ عَلَى يَهُوذَا وَأُورُشَلِيمَ، وَأَسْلَمَهُمْ لِلْقَلَقِ وَٱلدَّهْشِ وَٱلصَّفِيرِ كَمَا أَنْتُمْ رَاؤُونَ بِأَعْيُنِكُمْ. | ٨ 8 |
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، خۇددى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك، ئۇلارنى دەھشەتكە سېلىپ، ۋەھىمە بولۇشقا ھەم زاڭلىق قىلىپ ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. |
وَهُوَذَا قَدْ سَقَطَ آبَاؤُنَا بِٱلسَّيْفِ، وَبَنُونَا وَبَنَاتُنَا وَنِسَاؤُنَا فِي ٱلسَّبْيِ لِأَجْلِ هَذَا. | ٩ 9 |
شۇ سەۋەبتىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىلىچ ئاستىدا قالدى؛ ئوغۇل-قىزلىرىمىز ۋە خوتۇنلىرىمىزمۇ تۇتقۇن قىلىندى. |
فَٱلْآنَ فِي قَلْبِي أَنْ أَقْطَعَ عَهْدًا مَعَ ٱلرَّبِّ إِلَهِ إِسْرَائِيلَ فَيَرُدُّ عَنَّا حُمُوَّ غَضَبِهِ. | ١٠ 10 |
ئەمدى مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنىڭ بىزدىن ياندۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدىلىشىش نىيىتىگە كەلدىم. |
يَا بَنِيَّ، لَا تَضِلُّوا ٱلْآنَ لِأَنَّ ٱلرَّبَّ ٱخْتَارَكُمْ لِكَيْ تَقِفُوا أَمَامَهُ وَتَخْدِمُوهُ وَتَكُونُوا خَادِمِينَ وَمُوقِدِينَ لَهُ». | ١١ 11 |
ئى بالىلىرىم، غاپىل بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز ئالدىدا تۇرۇپ خىزمىتىدە بولۇشقا، ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولۇپ خۇشبۇي يېقىشقا تاللىغان، دېدى. |
فَقَامَ ٱللَّاوِيُّونَ: مَحَثُ بْنُ عَمَاسَايَ وَيُوئِيلُ بْنُ عَزَرْيَا مِنْ بَنِي ٱلْقَهَاتِيِّينَ، وَمِنْ بَنِي مَرَارِي: قَيْسُ بْنُ عَبْدِي وَعَزَرْيَا بْنُ يَهْلَلْئِيلَ، وَمِنَ ٱلْجَرْشُونِيِّينَ: يُوآخُ بْنُ زِمَّةَ وَعِيدَنُ بْنُ يُوآخَ، | ١٢ 12 |
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى: ــ كوھاتلاردىن بولغان ئاماساينىڭ ئوغلى ماھات ۋە ئازارىيانىڭ ئوغلى يوئېل، مەرارىلاردىن ئابدىنىڭ ئوغلى كىش، يەھاللەلەلنىڭ ئوغلى ئازارىيا، گەرشونلاردىن زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاھ، يوئاھنىڭ ئوغلى ئېدەن، |
وَمِنْ بَنِي أَلِيصَافَانَ: شِمْرِي وَيَعِيئِيلُ، وَمِنْ بَنِي آسَافَ: زَكَرِيَّا وَمَتَّنْيَا، | ١٣ 13 |
ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن شىمرى بىلەن جەئىيەل، ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا بىلەن ماتتانىيا؛ |
وَمِنْ بَنِي هَيْمَانَ: يَحِيئِيلُ وَشِمْعِي، وَمِنْ بَنِي يَدُوثُونَ: شِمْعِيَا وَعُزِّيئِيلُ. | ١٤ 14 |
ھېماننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەھىيەل بىلەن شىمەي، يەدۇتۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن شېمايا بىلەن ئۇززىيەللەر. |
وَجَمَعُوا إِخْوَتَهُمْ وَتَقَدَّسُوا وَأَتَوْا حَسَبَ أَمْرِ ٱلْمَلِكِ بِكَلَامِ ٱلرَّبِّ لِيُطَهِّرُوا بَيْتَ ٱلرَّبِّ. | ١٥ 15 |
ئۇلار قېرىنداشلىرىنى يىغىپ، ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلىدى، پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى پاكىزلاشقا كىردى. |
وَدَخَلَ ٱلْكَهَنَةُ إِلَى دَاخِلِ بَيْتِ ٱلرَّبِّ لِيُطَهِّرُوهُ، وَأَخْرَجُوا كُلَّ ٱلنَّجَاسَةِ ٱلَّتِي وَجَدُوهَا فِي هَيْكَلِ ٱلرَّبِّ إِلَى دَارِ بَيْتِ ٱلرَّبِّ، وَتَنَاوَلَهَا ٱللَّاوِيُّونَ لِيُخْرِجُوهَا إِلَى ٱلْخَارِجِ إِلَى وَادِي قَدْرُونَ. | ١٦ 16 |
كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكىرىسىگە پاكىزلاشقا كىردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىدىن تاپقان بارلىق ناپاك-نىجىس نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا توشۇپ چىقتى؛ ئاندىن ئۇلارنى لاۋىيلار ئېلىپ چىقىپ، [شەھەر سىرتىدىكى] كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ تۆكتى. |
وَشَرَعُوا فِي ٱلتَّقْدِيسِ فِي أَوَّلِ ٱلشَّهْرِ ٱلْأَوَّلِ. وَفِي ٱلْيَوْمِ ٱلثَّامِنِ مِنَ ٱلشَّهْرِ ٱنْتَهَوْا إِلَى رِوَاقِ ٱلرَّبِّ وَقَدَّسُوا بَيْتَ ٱلرَّبِّ فِي ثَمَانِيَةِ أَيَّامٍ، وَفِي ٱلْيَوْمِ ٱلسَّادِسَ عَشَرَ مِنَ ٱلشَّهْرِ ٱلْأَوَّلِ ٱنْتَهَوْا. | ١٧ 17 |
ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، ئۆينى قايتىدىن خۇداغا ئاتاپ پاكىزلاشقا كىرىشىپ، سەككىزىنچى كۈنى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ئايۋىنىغا چىقتى؛ ئۇلار [يەنە] سەككىز كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ پەرۋەردىگار ئۆيىنى پاكىزلاپ، بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئالتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئىشنى تۈگەتتى. |
وَدَخَلُوا إِلَى دَاخِلٍ إِلَى حَزَقِيَّا ٱلْمَلِكِ وَقَالُوا: «قَدْ طَهَّرْنَا كُلَّ بَيْتِ ٱلرَّبِّ وَمَذْبَحَ ٱلْمُحْرَقَةِ وَكُلَّ آنِيَتِهِ وَمَائِدَةَ خُبْزِ ٱلْوُجُوهِ وَكُلَّ آنِيَتِهَا. | ١٨ 18 |
ئاندىن ئۇلار ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئۆيىنى، جۈملىدىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى، «تەقدىم نان» تىزىلىدىغان شىرەنى ۋە شىرە ئۈستىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى پاكىزلىۋەتتۇق؛ |
وَجَمِيعُ ٱلْآنِيَةِ ٱلَّتِي طَرَحَهَا ٱلْمَلِكُ آحَازُ فِي مُلْكِهِ بِخِيَانَتِهِ، قَدْ هَيَّأْنَاهَا وَقَدَّسْنَاهَا، وَهَا هِيَ أَمَامَ مَذْبَحِ ٱلرَّبِّ». | ١٩ 19 |
ئاھاز پادىشاھ تەختتىكى چېغىدا ئاسىيلىق قىلىپ تاشلىۋەتكەن بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى تەييارلاپ تەخ قىلىپ، پاكىزلاپ قويدۇق؛ مانا، ئۇلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا قويۇلدى، دېدى. |
وَبَكَّرَ حَزَقِيَّا ٱلْمَلِكُ وَجَمَعَ رُؤَسَاءَ ٱلْمَدِينَةِ وَصَعِدَ إِلَى بَيْتِ ٱلرَّبِّ. | ٢٠ 20 |
ھەزەكىيا پادىشاھ ئەتىگەندە تاڭ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ شەھەردىكى ئەمەلدارلارنى يىغىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى. |
فَأَتَوْا بِسَبْعَةِ ثِيرَانٍ وَسَبْعَةِ كِبَاشٍ وَسَبْعَةِ خِرْفَانٍ وَسَبْعَةِ تُيُوسِ مِعْزًى ذَبِيحَةَ خَطِيَّةٍ عَنِ ٱلْمَمْلَكَةِ وَعَنِ ٱلْمَقْدِسِ وَعَنْ يَهُوذَا. وَقَالَ لِبَنِي هَارُونَ ٱلْكَهَنَةِ أَنْ يُصْعِدُوهَا عَلَى مَذْبَحِ ٱلرَّبِّ. | ٢١ 21 |
ئۇلار پادىشاھلىق ئۈچۈن، مۇقەددەسخانا ۋە پۈتۈن يەھۇدالار ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىشقا يەتتە بۇقا، يەتتە قوچقار، يەتتە قوزا ۋە يەتتە تېكە ئېلىپ كەلدى؛ [پادىشاھ] ھارۇن ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلارغا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا سۇنۇشنى بۇيرۇدى. |
فَذَبَحُوا ٱلثِّيرَانَ، وَتَنَاوَلَ ٱلْكَهَنَةُ ٱلدَّمَ وَرَشُّوهُ عَلَى ٱلْمَذْبَحِ، ثُمَّ ذَبَحُوا ٱلْكِبَاشَ وَرَشُّوا ٱلدَّمَ عَلَى ٱلْمَذْبَحِ، ثُمَّ ذَبَحُوا ٱلْخِرْفَانَ وَرَشُّوا ٱلدَّمَ عَلَى ٱلْمَذْبَحِ. | ٢٢ 22 |
ئۇلار بۇقىلارنى بوغۇزلىدى، كاھىنلار قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھقا سەپتى؛ ئاندىن ئۇلار قوچقارلارنىمۇ بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانگاھقا سەپتى؛ قوزىلارنىمۇ بوغۇزلاپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىمۇ قۇربانگاھقا سەپتى. |
ثُمَّ تَقَدَّمُوا بِتُيُوسِ ذَبِيحَةِ ٱلْخَطِيَّةِ أَمَامَ ٱلْمَلِكِ وَٱلْجَمَاعَةِ، وَوَضَعُوا أَيْدِيَهُمْ عَلَيْهَا، | ٢٣ 23 |
ئاخىرىدا گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىلەرنى پادىشاھ ۋە جامائەت ئالدىغا يېتىلەپ كېلىۋىدى، [پادىشاھ ۋە جامائەت] قوللىرىنى تېكىلەر ئۈستىگە قويۇشتى. |
وَذَبَحَهَا ٱلْكَهَنَةُ وَكَفَّرُوا بِدَمِهَا عَلَى ٱلْمَذْبَحِ تَكْفِيرًا عَنْ جَمِيعِ إِسْرَائِيلَ، لِأَنَّ ٱلْمَلِكَ قَالَ إِنَّ ٱلْمُحْرَقَةَ وَذَبِيحَةَ ٱلْخَطِيَّةِ هُمَا عَنْ كُلِّ إِسْرَائِيلَ. | ٢٤ 24 |
كاھىنلار تېكىلەرنى بوغۇزلاپ، قېنىنى بارلىق ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت سۈپىتىدە قۇربانگاھقا سەپتى؛ چۈنكى پادىشاھ: «كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقى بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن سۇنۇلسۇن» دېگەنىدى. |
وَأَوْقَفَ ٱللَّاوِيِّينَ فِي بَيْتِ ٱلرَّبِّ بِصُنُوجٍ وَرَبَابٍ وَعِيدَانٍ حَسَبَ أَمْرِ دَاوُدَ وَجَادَ رَائِي ٱلْمَلِكِ وَنَاثَانَ ٱلنَّبِيِّ، لِأَنَّ مِنْ قِبَلِ ٱلرَّبِّ ٱلْوَصِيَّةَ عَنْ يَدِ أَنْبِيَائِهِ. | ٢٥ 25 |
پادىشاھ يەنە لاۋىيلارنى پەرۋەردىگار ئۆيىدە داۋۇتنىڭ، [داۋۇت] پادىشاھنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى گادنىڭ ۋە ناتان پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاڭجاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار قاتارلىق سازلارنى تۇتۇپ، سەپ بولۇپ تۇرۇشقا تەيىنلىدى (چۈنكى ئەسلىدە بۇ ئەمر پەرۋەردىگاردىن، ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپىلانغانىدى). |
فَوَقَفَ ٱللَّاوِيُّونَ بِآلَاتِ دَاوُدَ، وَٱلْكَهَنَةُ بِٱلْأَبْوَاقِ. | ٢٦ 26 |
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار داۋۇتنىڭ سازلىرىنى، كاھىنلار كانايلارنى تۇتقان ھالدا تۇرۇشتى. |
وَأَمَرَ حَزَقِيَّا بِإِصْعَادِ ٱلْمُحْرَقَةِ عَلَى ٱلْمَذْبَحِ. وَعِنْدَ ٱبْتِدَاءِ ٱلْمُحْرَقَةِ ٱبْتَدَأَ نَشِيدُ ٱلرَّبِّ وَٱلْأَبْوَاقُ بِوَاسِطَةِ آلَاتِ دَاوُدَ مَلِكِ إِسْرَائِيلَ. | ٢٧ 27 |
ھەزەكىيا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنۇلسۇن، دەپ بۇيرۇدى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇلغان ھامان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەغمە-ناۋا قىلىنىشقا، كانايلار چېلىنىشقا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ سازلىرى تەڭكەش قىلىنىشقا باشلىدى. |
وَكَانَ كُلُّ ٱلْجَمَاعَةِ يَسْجُدُونَ وَٱلْمُغَنُّونَ يُغَنُّونَ وَٱلْمُبَوِّقُونَ يُبَوِّقُونَ. ٱلْجَمِيعُ، إِلَى أَنِ ٱنْتَهَتِ ٱلْمُحْرَقَةُ. | ٢٨ 28 |
پۈتكۈل كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈلۈپ بولغۇچە، پۈتكۈل جامائەت سەجدىگە ئولتۇرۇشتى، نەغمە-ناۋاچىلار نەغمە-ناۋا قىلىشتى، كانايچىلار كاناي چېلىپ تۇردى. |
وَعِنْدَ ٱنْتِهَاءِ ٱلْمُحْرَقَةِ خَرَّ ٱلْمَلِكُ وَكُلُّ ٱلْمَوْجُودِينَ مَعَهُ وَسَجَدُوا. | ٢٩ 29 |
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندا، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھازىر بولغانلارنىڭ ھەممىسى تىزلىنىپ سەجدە قىلىشتى. |
وَقَالَ حَزَقِيَّا ٱلْمَلِكُ وَٱلرُّؤَسَاءُ لِلَّاوِيِّينَ أَنْ يُسَبِّحُوا ٱلرَّبَّ بِكَلَامِ دَاوُدَ وَآسَافَ ٱلرَّائِي، فَسَبَّحُوا بِٱبْتِهَاجٍ وَخَرُّوا وَسَجَدُوا. | ٣٠ 30 |
ھەزەكىيا پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار يەنە لاۋىيلارغا داۋۇتنىڭ ۋە ئالدىن كۆرگۈچى ئاسافنىڭ شېئىرلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇشال-خۇراملىق بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشۇپ، باش ئېگىپ سەجدە قىلىشتى. |
ثُمَّ أَجَابَ حَزَقِيَّا وَقَالَ: «ٱلْآنَ مَلَأْتُمْ أَيْدِيَكُمْ لِلرَّبِّ. تَقَدَّمُوا وَأْتُوا بِذَبَائِحَ وَقَرَابِينِ شُكْرٍ لِبَيْتِ ٱلرَّبِّ». فَأَتَتِ ٱلْجَمَاعَةُ بِذَبَائِحَ وَقَرَابِينِ شُكْرٍ، وَكُلُّ سَمُوحِ ٱلْقَلْبِ أَتَى بِمُحْرَقَاتٍ. | ٣١ 31 |
ھەزەكىيا: ــ سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس بولۇشقا بېغىشلىغانىكەنسىلەر، ئالدىغا كېلىڭلار، قۇربانلىقلار، تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى رەبنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈپ سۇنۇڭلار، دېۋىدى، جامائەت قۇربانلىقلار ۋە تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈشتى؛ خالىغانلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى كەلتۈرۈشتى. |
وَكَانَ عَدَدُ ٱلْمُحْرَقَاتِ ٱلَّتِي أَتَى بِهَا ٱلْجَمَاعَةُ سَبْعِينَ ثَوْرًا وَمِئَةَ كَبْشٍ وَمِئَتَيْ خَرُوفٍ. كُلُّ هَذِهِ مُحْرَقَةٌ لِلرَّبِّ. | ٣٢ 32 |
جامائەت ئېلىپ كەلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار تۆۋەندىكىچە: ــ يەتمىش بۇقا، يۈز قوچقار، ئىككى يۈز قوزا؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئەكىلىنگەنىدى. |
وَٱلْأَقْدَاسُ سِتُّ مِئَةٍ مِنَ ٱلْبَقَرِ وَثَلَاثَةُ آلَافٍ مِنَ ٱلضَّأْنِ. | ٣٣ 33 |
بۇلاردىن باشقا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئالتە يۈز بۇقا، ئۈچ مىڭ قويمۇ بار ئىدى. |
إِلَّا إِنَّ ٱلْكَهَنَةَ كَانُوا قَلِيلِينَ فَلَمْ يَقْدِرُوا أَنْ يَسْلُخُوا كُلَّ ٱلْمُحْرَقَاتِ، فَسَاعَدَهُمْ إِخْوَتُهُمُ ٱللَّاوِيُّونَ حَتَّى كَمَلَ ٱلْعَمَلُ وَحَتَّى تَقَدَّسَ ٱلْكَهَنَةُ. لِأَنَّ ٱللَّاوِيِّينَ كَانُوا أَكْثَرَ ٱسْتِقَامَةَ قَلْبٍ مِنَ ٱلْكَهَنَةِ فِي ٱلتَّقَدُّسِ. | ٣٤ 34 |
كاھىنلار بەك ئاز بولغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ماللىرىنىڭ تېرىسىنى سويۇشقا ئۈلگۈرەلمەيتتى؛ شۇڭا لاۋىي قېرىنداشلىرى تاكى ماللار سويۇلۇپ بولغۇچە ھەم باشقا كاھىنلار ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلاپ بولغۇچە ياردەملەشتى (چۈنكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلاش ئىشىدا كاھىنلارغا نىسبەتەن بەكرەك ئىخلاسمەن ئىدى). |
وَأَيْضًا كَانَتِ ٱلْمُحْرَقَاتُ كَثِيرَةً بِشَحْمِ ذَبَائِحِ ٱلسَّلَامَةِ وَسَكَائِبِ ٱلْمُحْرَقَاتِ. فَٱسْتَقَامَتْ خِدْمَةُ بَيْتِ ٱلرَّبِّ. | ٣٥ 35 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، شۇنداقلا ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ مېيى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا قوشۇلغان شاراب ھەدىيىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئىبادەت خىزمەتلىرى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. |
وَفَرِحَ حَزَقِيَّا وَكُلُّ ٱلشَّعْبِ مِنْ أَجْلِ أَنَّ ٱللهَ أَعَدَّ ٱلشَّعْبَ، لِأَنَّ ٱلْأَمْرَ كَانَ بَغْتَةً. | ٣٦ 36 |
خۇدا ئۆز خەلقىگە بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ھەزەكىيا ۋە پۈتكۈل خەلق تولىمۇ خۇشال بولۇشتى؛ چۈنكى بۇ ئىشلار بەك تېزلا بېجىرىلىپ بولغانىدى. |