فَأَخْبَرُوا دَاوُدَ قَائِلِينَ: «هُوَذَا ٱلْفِلِسْطِينِيُّونَ يُحَارِبُونَ قَعِيلَةَ وَيَنْهَبُونَ ٱلْبَيَادِرَ». | ١ 1 |
بىرسى داۋۇتقا خەۋەر بېرىپ: ــ مانا فىلىستىيلەر كېئىلاھغا ھۇجۇم قىلىپ خامانلارنى بۇلاپ-تالىماقتا، دېدى. |
فَسَأَلَ دَاوُدُ مِنَ ٱلرَّبِّ قَائِلًا: «أَأَذْهَبُ وَأَضْرِبُ هَؤُلَاءِ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ؟» فَقَالَ ٱلرَّبُّ لِدَاوُدَ: «ٱذْهَبْ وَٱضْرِبِ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ وَخَلِّصْ قَعِيلَةَ». | ٢ 2 |
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: ــ مەن بېرىپ بۇ فىلىستىيلەرگە زەربە بېرىمەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار داۋۇتقا: ــ بېرىپ فىلىستىيلەرگە زەربە بېرىپ كېئىلاھنى ئازاد قىلغىن، دېدى. |
فَقَالَ رِجَالُ دَاوُدَ لَهُ: «هَا نَحْنُ هَهُنَا فِي يَهُوذَا خَائِفُونَ، فَكَمْ بِٱلْحَرِيِّ إِذَا ذَهَبْنَا إِلَى قَعِيلَةَ ضِدَّ صُفُوفِ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ؟» | ٣ 3 |
لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپمۇ قورقىۋاتقان يەردە، كېئىلاھغا بېرىپ فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلساق قانداق بولار؟ ــ دېدى. |
فَعَادَ أَيْضًا دَاوُدُ وَسَأَلَ مِنَ ٱلرَّبِّ، فَأَجَابَهُ ٱلرَّبُّ وَقَالَ: «قُمِ ٱنْزِلْ إِلَى قَعِيلَةَ، فَإِنِّي أَدْفَعُ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ لِيَدِكَ». | ٤ 4 |
شۇڭا داۋۇت يەنە بىر قېتىم پەرۋەردىگاردىن سورىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كېئىلاھغا بارغىن؛ چۈنكى مەن فىلىستىيلەرنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، دېدى. |
فَذَهَبَ دَاوُدُ وَرِجَالُهُ إِلَى قَعِيلَةَ، وَحَارَبَ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ وَسَاقَ مَوَاشِيَهُمْ، وَضَرَبَهُمْ ضَرْبَةً عَظِيمَةً، وَخَلَّصَ دَاوُدُ سُكَّانَ قَعِيلَةَ. | ٥ 5 |
بۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن كېئىلاھغا بېرىپ فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشۇپ، ماللىرىنى ئولجا قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق قىردى. داۋۇت شۇنداق قىلىپ كېئىلاھدا تۇرۇۋاتقانلارنى قۇتقۇزدى. |
وَكَانَ لَمَّا هَرَبَ أَبِيَاثَارُ بْنُ أَخِيمَالِكَ إِلَى دَاوُدَ إِلَى قَعِيلَةَ نَزَلَ وَبِيَدِهِ أَفُودٌ. | ٦ 6 |
ئەمدى ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئابىياتار كېئىلاھغا قېچىپ كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ قولىدا ئەفود بار ئىدى. |
فَأُخْبِرَ شَاوُلُ بِأَنَّ دَاوُدَ قَدْ جَاءَ إِلَى قَعِيلَةَ، فَقَالَ شَاوُلُ: «قَدْ نَبَذَهُ ٱللهُ إِلَى يَدِي، لِأَنَّهُ قَدْ أُغْلِقَ عَلَيْهِ بِٱلدُّخُولِ إِلَى مَدِينَةٍ لَهَا أَبْوَابٌ وَعَوَارِضُ». | ٧ 7 |
بىرسى سائۇلغا، داۋۇت كېئىلاھغا كەپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. سائۇل: ــ ئەمدى خۇدا ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاشلاپ تاپشۇردى. چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرى ۋە تاقاقلىرى بار شەھەرگە كىرگەچكە سولۇنۇپ قالدى، دېدى. |
وَدَعَا شَاوُلُ جَمِيعَ ٱلشَّعْبِ لِلْحَرْبِ لِلنُّزُولِ إِلَى قَعِيلَةَ لِمُحَاصَرَةِ دَاوُدَ وَرِجَالِهِ. | ٨ 8 |
ئەمدى سائۇل داۋۇت بىلەن ئادەملىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۈچۈن ھەممە خەلقنى كېئىلاھغا بېرىپ جەڭ قىلىشقا چاقىردى. |
فَلَمَّا عَرَفَ دَاوُدُ أَنَّ شَاوُلَ مُنْشِئٌ عَلَيْهِ ٱلشَّرَّ، قَالَ لِأَبِيَاثَارَ ٱلْكَاهِنِ قَدِّمِ ٱلْأَفُودَ. | ٩ 9 |
داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئابىياتار كاھىنغا: ــ ئەفودنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. |
ثُمَّ قَالَ دَاوُدُ: «يَارَبُّ إِلَهَ إِسْرَائِيلَ، إِنَّ عَبْدَكَ قَدْ سَمِعَ بِأَنَّ شَاوُلَ يُحَاوِلُ أَنْ يَأْتِيَ إِلَى قَعِيلَةَ لِكَيْ يُخْرِبَ ٱلْمَدِينَةَ بِسَبَبِي. | ١٠ 10 |
ئاندىن داۋۇت: ــ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، مەنكى سېنىڭ قۇلۇڭ سائۇلنىڭ بۇ شەھەرنى مېنىڭ سەۋەبىمدىن خاراب قىلىش ئۈچۈن كېئىلاھغا كېلىشكە قەستلەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدى. |
فَهَلْ يُسَلِّمُنِي أَهْلُ قَعِيلَةَ لِيَدِهِ؟ هَلْ يَنْزِلُ شَاوُلُ كَمَا سَمِعَ عَبْدُكَ؟ يَارَبُّ إِلَهَ إِسْرَائِيلَ، أَخْبِرْ عَبْدَكَ». فَقَالَ ٱلرَّبُّ: «يَنْزِلُ». | ١١ 11 |
كېئىلاھدىكىلەر مېنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرەرمۇ؟ سائۇل ئۆز بەندەڭ ئاڭلىغاندەك بۇ يەرگە كېلەرمۇ؟ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ئۆز بەندەڭگە بىلدۈرگەيسەن، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۇ بۇ يەرگە كېلىدۇ، دېدى. |
فَقَالَ دَاوُدُ: «هَلْ يُسَلِّمُنِي أَهْلُ قَعِيلَةَ مَعَ رِجَالِي لِيَدِ شَاوُلَ؟» فَقَالَ ٱلرَّبُّ: «يُسَلِّمُونَ». | ١٢ 12 |
داۋۇت يەنە: ــ كېئىلاھتىكىلەر مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرەرمۇ، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۇلار سىلەرنى تۇتۇپ بېرىدۇ، دېدى. |
فَقَامَ دَاوُدُ وَرِجَالُهُ، نَحْوُ سِتِّ مِئَةِ رَجُلٍ، وَخَرَجُوا مِنْ قَعِيلَةَ وَذَهَبُوا حَيْثُمَا ذَهَبُوا. فَأُخْبِرَ شَاوُلُ بِأَنَّ دَاوُدَ قَدْ أَفْلَتَ مِنْ قَعِيلَةَ، فَعَدَلَ عَنِ ٱلْخُرُوجِ. | ١٣ 13 |
ئەمدى داۋۇت ئادەملىرى بىلەن (تەخمىنەن ئالتە يۈزچە) ئورنىدىن تۇرۇپ كېئىلاھدىن چىقىپ، ئۆزلىرى بارالايدىغان تەرەپكە قاراپ كەتتى. سائۇلغا، داۋۇت كېئىلاھتىن قېچىپتۇ دەپ خەۋەر بېرىلگەندە ئۇ ئۇنى قوغلاشقا چىقمىدى. |
وَأَقَامَ دَاوُدُ فِي ٱلْبَرِّيَّةِ فِي ٱلْحُصُونِ وَمَكَثَ فِي ٱلْجَبَلِ فِي بَرِّيَّةِ زِيفٍ. وَكَانَ شَاوُلُ يَطْلُبُهُ كُلَّ ٱلْأَيَّامِ، وَلَكِنْ لَمْ يَدْفَعْهُ ٱللهُ لِيَدِهِ. | ١٤ 14 |
داۋۇت بولسا چۆلدىكى قورغان-قىيالاردا ھەمدە زىف چۆلىنىڭ تاغلىرىدا تۇردى. سائۇل ئۇنى ھەر كۈنى ئىزدەيتتى؛ لېكىن خۇدا ئۇنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرمىدى. |
فَرَأَى دَاوُدُ أَنَّ شَاوُلَ قَدْ خَرَجَ يَطْلُبُ نَفْسَهُ. وَكَانَ دَاوُدُ فِي بَرِّيَّةِ زِيفٍ فِي ٱلْغَابِ. | ١٥ 15 |
ئەمدى داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرگىلى چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. شۇ چاغدا ئۇ زىف چۆلىدىكى بىر ئورمانلىقتا تۇراتتى. |
فَقَامَ يُونَاثَانُ بْنُ شَاوُلَ وَذَهَبَ إِلَى دَاوُدَ إِلَى ٱلْغَابِ وَشَدَّدَ يَدَهُ بِٱللهِ، | ١٦ 16 |
سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بولسا ئورمانلىققا چىقىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى خۇدا ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈپ ئۇنىڭغا: ــ |
وَقَالَ لَهُ: «لَا تَخَفْ لِأَنَّ يَدَ شَاوُلَ أَبِي لَا تَجِدُكَ، وَأَنْتَ تَمْلِكُ عَلَى إِسْرَائِيلَ، وَأَنَا أَكُونُ لَكَ ثَانِيًا. وَشَاوُلُ أَبِي أَيْضًا يَعْلَمُ ذَلِكَ». | ١٧ 17 |
قورقمىغىن؛ چۈنكى ئاتام سائۇلنىڭ قولى سېنى تاپالمايدۇ. سەن بەلكى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولىسەن، مەن بولسام سېنىڭ ۋەزىرىڭ بولىمەن، بۇنى ئاتام سائۇلمۇ بىلىدۇ، دېدى. |
فَقَطَعَا كِلَاهُمَا عَهْدًا أَمَامَ ٱلرَّبِّ. وَأَقَامَ دَاوُدُ فِي ٱلْغَابِ، وَأَمَّا يُونَاثَانُ فَمَضَى إِلَى بَيْتِهِ. | ١٨ 18 |
ئاندىن ئۇلار ئىككىيلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەھدە قىلىشتى؛ داۋۇت بولسا، ئورمانلىقتا تۇرۇپ قالدى، يوناتان ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى. |
فَصَعِدَ ٱلزِّيفِيُّونَ إِلَى شَاوُلَ إِلَى جِبْعَةَ قَائِلِينَ: «أَلَيْسَ دَاوُدُ مُخْتَبِئًا عِنْدَنَا فِي حُصُونٍ فِي ٱلْغَابِ، فِي تَلِّ حَخِيلَةَ ٱلَّتِي إِلَى يَمِينِ ٱلْقَفْرِ؟ | ١٩ 19 |
شۇنىڭدىن كېيىن زىفتىكىلەر گىبېئاھتا تۇرۇۋاتقان سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ مانا، داۋۇت خاقىلاھنىڭ ئېگىزلىكىدىكى يەشىموننىڭ جەنۇبى تەرىپىگە جايلاشقان ئورمانلىقتىكى قورغانلاردا يوشۇرۇنىۋالدى، بىلمەمدىلا؟ |
فَٱلْآنَ حَسَبَ كُلِّ شَهْوَةِ نَفْسِكَ أَيُّهَا ٱلْمَلِكُ فِي ٱلنُّزُولِ ٱنْزِلْ، وَعَلَيْنَا أَنْ نُسَلِّمَهُ لِيَدِ ٱلْمَلِكِ». | ٢٠ 20 |
شۇڭا، ئى پادىشاھ، قاچان كۆڭۈللىرى تارتسا شۇ چاغدا كەلسىلە؛ بىزنىڭ بۇرچىمىز ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرىشتۇر، دېدى. |
فَقَالَ شَاوُلُ: «مُبَارَكُونَ أَنْتُمْ مِنَ ٱلرَّبِّ لِأَنَّكُمْ قَدْ أَشْفَقْتُمْ عَلَيَّ. | ٢١ 21 |
سائۇل: ماڭا ئىچ ئاغرىتقىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي. |
فَٱذْهَبُوا أَكِّدُوا أَيْضًا، وَٱعْلَمُوا وَٱنْظُرُوا مَكَانَهُ حَيْثُ تَكُونُ رِجْلُهُ وَمَنْ رَآهُ هُنَاكَ، لِأَنَّهُ قِيلَ لِي إِنَّهُ مَكْرًا يَمْكُرُ. | ٢٢ 22 |
ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بېرىپ زادى قايسى يەردە تۇرىدىغىنىنى جەزملەشتۈرۈڭلار، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېنىقلاپ، ۋە كىمنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىنى بىلىپ كېلىڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر ئېيتىشىچە ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر ئىكەن، دېدى. |
فَٱنْظُرُوا وَٱعْلَمُوا جَمِيعَ ٱلْمُخْتَبَآتِ ٱلَّتِي يَخْتَبِئُ فِيهَا، ثُمَّ ٱرْجِعُوا إِلَيَّ عَلَى تَأْكِيدٍ، فَأَسِيرَ مَعَكُمْ. وَيَكُونُ إِذَا وُجِدَ فِي ٱلْأَرْضِ، أَنِّي أُفَتِّشُ عَلَيْهِ بِجَمِيعِ أُلُوفِ يَهُوذَا». | ٢٣ 23 |
شۇڭا بېرىپ، ئۇنىڭ يوشۇرۇنغان بارلىق مەخپىي جايلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ كېلىڭلار، يېنىمغا يېنىپ كېلىپ ماڭا ئەينىنى ئېيتىڭلار. ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بارىمەن؛ ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇ زېمىندا بولسىلا، مەن يەھۇدىيلارنىڭ مىڭلىغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەپ تاپىمەن، دېدى. |
فَقَامُوا وَذَهَبُوا إِلَى زِيفٍ قُدَّامَ شَاوُلَ. وَكَانَ دَاوُدُ وَرِجَالُهُ فِي بَرِّيَّةِ مَعُونٍ، فِي ٱلسَّهْلِ عَنْ يَمِينِ ٱلْقَفْرِ. | ٢٤ 24 |
ئۇلار قوپۇپ سائۇلدىن ئىلگىرى زىفقا باردى؛ لېكىن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن مائون چۆللۈكىدىكى يەشىموننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتاتتى. |
وَذَهَبَ شَاوُلُ وَرِجَالُهُ لِلتَّفْتِيشِ. فَأَخْبَرُوا دَاوُدَ، فَنَزَلَ إِلَى ٱلصَّخْرِ وَأَقَامَ فِي بَرِّيَّةِ مَعُونٍ. فَلَمَّا سَمِعَ شَاوُلُ تَبِعَ دَاوُدَ إِلَى بَرِّيَّةِ مَعُونٍ. | ٢٥ 25 |
سائۇل ئادەملىرى بىلەن داۋۇتنى ئىزدەپ باردى. كىشىلەر بۇ خەۋەرنى داۋۇتقا ئېيتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۈشۈپ، قىياغا بېرىپ مائون چۆلىدە تۇردى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ داۋۇتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ مائوننىڭ چۆلىگە چىقتى. |
فَذَهَبَ شَاوُلُ عَنْ جَانِبِ ٱلْجَبَلِ مِنْ هُنَا، وَدَاوُدُ وَرِجَالُهُ عَنْ جَانِبِ ٱلْجَبَلِ مِنْ هُنَاكَ. وَكَانَ دَاوُدُ يَفِرُّ فِي ٱلذَّهَابِ مِنْ أَمَامِ شَاوُلَ، وَكَانَ شَاوُلُ وَرِجَالُهُ يُحَاوِطُونَ دَاوُدَ وَرِجَالَهُ لِكَيْ يَأْخُذُوهُمْ. | ٢٦ 26 |
سائۇل تاغنىڭ بۇ تەرىپىدە ماڭدى، ئەمما داۋۇت ئادەملىرى بىلەن تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە ماڭدى. داۋۇت سائۇلدىن قېچىش ئۈچۈن ئالدىرىۋاتقانىدى؛ لېكىن سائۇل ئادەملىرى بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تۇتىمىز دەپ ئۇلارنى قورشىغىلى تۇردى. |
فَجَاءَ رَسُولٌ إِلَى شَاوُلَ يَقُولُ: «أَسْرِعْ وَٱذْهَبْ لِأَنَّ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ قَدِ ٱقْتَحَمُوا ٱلْأَرْضَ». | ٢٧ 27 |
ئەمما بىر خەۋەرچى سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ فىلىستىيلەر زېمىنىمىزنىڭ جەنۇب تەرىپىگە كىرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتىدۇ، تېزدىن قايتسىلا، دېدى. |
فَرَجَعَ شَاوُلُ عَنِ ٱتِّبَاعِ دَاوُدَ، وَذَهَبَ لِلِقَاءِ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ. لِذَلِكَ دُعِيَ ذَلِكَ ٱلْمَوْضِعُ «صَخْرَةَ ٱلزَّلَقَاتِ». | ٢٨ 28 |
شۇنىڭ بىلەن سائۇل يېنىپ داۋۇتنى قوغلاشتىن توختاپ فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشقىلى چىقتى. شۇڭا ئۇ يەر سېلا-خامماھلېكوت دەپ ئاتالدى. |
وَصَعِدَ دَاوُدُ مِنْ هُنَاكَ وَأَقَامَ فِي حُصُونِ عَيْنِ جَدْيٍ. | ٢٩ 29 |
داۋۇت بولسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئەن-گەدىنىڭ تاغ-قورغانلىقىدا تۇردى. |