وَأَفْرَزَ دَاوُدُ وَرُؤَسَاءُ ٱلْجَيْشِ لِلْخِدْمَةِ بَنِي آسَافَ وَهَيْمَانَ وَيَدُوثُونَ ٱلْمُتَنَبِّئِينَ بِٱلْعِيدَانِ وَٱلرَّبَابِ وَٱلصُّنُوجِ. وَكَانَ عَدَدُهُمْ مِنْ رِجَالِ ٱلْعَمَلِ حَسَبَ خِدْمَتِهِمْ. | ١ 1 |
داۋۇت بىلەن قوشۇننىڭ سەردارلىرى ئاساف، ھېمان ۋە يەدۇتۇنلارنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ۋەزىپە يۈكلەپ، ئۇلارنى چىلتار، تەمبۇر ۋە جاڭ-جاڭلار چېلىپ، بېشارەت بېرىش خىزمىتىگە قويدى. ئۇلاردىن ۋەزىپىگە قويۇلغانلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: |
مِنْ بَنِي آسَافَ: زَكُّورُ وَيُوسُفُ وَنَثَنْيَا وَأَشَرْئِيلَةُ. بَنُو آسَافَ تَحْتَ يَدِ آسَافَ ٱلْمُتَنَبِّئِ بَيْنَ يَدَيِ ٱلْمَلِكِ. | ٢ 2 |
ئاسافنىڭ ئوغۇللىرىدىن زاككۇر، يۈسۈپ، نىتانىيا ۋە ئاشارىلاھ بار ئىدى؛ ئاسافنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئاسافنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى؛ ئاساف پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بېشارەت بېرىپ سۆزلەيتتى. |
مِنْ يَدُوثُونَ، بَنُو يَدُوثُونَ: جَدَلْيَا وَصَرِي وَيِشْعِيَا وَحَشَبْيَا وَمَتَّثْيَا، سِتَّةٌ. تَحْتَ يَدِ أَبِيهِمْ يَدُوثُونَ ٱلْمُتَنَبِّئِ بِٱلْعُودِ لِأَجْلِ ٱلْحَمْدِ وَٱلتَّسْبِيحِ لِلرَّبِّ. | ٣ 3 |
يەدۇتۇنغا كەلگەندە، ئۇنىڭ گەدالىيا، زېرى، يەشايا، شىمەي، ھاشابىيا ۋە ماتتىتىياھ دېگەن ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى يەدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى. يەدۇتۇن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىپ مەدھىيە ئوقۇش ئۈچۈن چىلتار چېلىپ بېشارەت بېرەتتى. |
مِنْ هَيْمَانَ: بُقِّيَّا وَمَتَّنْيَا وَعُزِّيئِيلُ وَشَبُوئِيلُ وَيَرِيمُوثُ وَحَنَنْيَا وَحَنَانِي وَإِيلِيآثَةُ وَجِدَّلْتِي وَرُومَمْتِي عَزَرُ وَيُشْبَقَاشَةُ وَمَلُوثِي وَهُوثِيرُ وَمَحْزِيُوثُ. | ٤ 4 |
ھېماننىڭ بولسا، ئۇنىڭ بۇككىيا، ماتتانىيا، ئۇززىيەل، شەبۇيەل، يەرىموت، ھانانىيا، ھانانى، ئەلىياتا، گىددالتى ۋە رومامتى-ئېزەر، يوشبىكاشا، ماللوتى، ھوتىر ۋە ماخازىئوت دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. |
جَمِيعُ هَؤُلَاءِ بَنُو هَيْمَانَ رَائِي ٱلْمَلِكِ بِكَلَامِ ٱللهِ لِرَفْعِ ٱلْقَرْنِ. وَرَزَقَ ٱلرَّبُّ هَيْمَانَ أَرْبَعَةَ عَشَرَ ٱبْنًا وَثَلَاثَ بَنَاتٍ. | ٥ 5 |
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېماننىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، خۇداغا بولغان مەدھىيىسىنى ياڭرىتىش ئۈچۈن قويۇلغان (ھېمان بولسا پادىشاھقا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزىدىغان ئالدىن كۆرگۈچى ئىدى)؛ خۇدا ھېمانغا ئون تۆت ئوغۇل، ئۈچ قىز ئاتا قىلغانىدى. |
كُلُّ هَؤُلَاءِ تَحْتَ يَدِ أَبِيهِمْ لِأَجْلِ غِنَاءِ بَيْتِ ٱلرَّبِّ بِٱلصُّنُوجِ وَٱلرَّبَابِ وَٱلْعِيدَانِ لِخِدْمَةِ بَيْتِ ٱللهِ، تَحْتَ يَدِ ٱلْمَلِكِ وَآسَافَ وَيَدُوثُونَ وَهَيْمَانَ. | ٦ 6 |
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتىلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە نەغمە-ناۋا قىلىش ئۈچۈن، جاڭ-جاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار چېلىپ خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. ئاساف، يەدۇتۇن ۋە ھېمان [بۇ ئىشلاردا] پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى. |
وَكَانَ عَدَدُهُمْ مَعَ إِخْوَتِهِمِ ٱلْمُتَعَلِّمِينَ ٱلْغِنَاءَ لِلرَّبِّ، كُلِّ ٱلْخَبِيرِينَ مِئَتَيْنِ وَثَمَانِيَةً وَثَمَانِينَ. | ٧ 7 |
ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ سانى جەمئىي ئىككى يۈز سەكسەن سەككىز ئىدى (ئۇلار ھەممىسى پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەش نەغمە-ناۋالىقىدا ئالاھىدە تەربىيە كۆرگەن، كۈي ئېيتىشقا ئۇستا ئىدى). |
وَأَلْقَوْا قُرَعَ ٱلْحِرَاسَةِ ٱلصَّغِيرُ كَمَا ٱلْكَبِيرِ، ٱلْمُعَلِّمُ مَعَ ٱلتِّلْمِيذِ. | ٨ 8 |
بۇلار چوڭ-كىچىكىگە، ئۇستاز-شاگىرتلىقىغا قارىماي ھەممىسى بىردەك چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەنىدى. |
فَخَرَجَتِ ٱلْقُرْعَةُ ٱلْأُولَى ٱلَّتِي هِيَ لِآسَافَ لِيُوسُفَ. ٱلثَّانِيَةُ لِجَدَلْيَا، هُوَ وَإِخْوَتُهُ وَبَنُوهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ٩ 9 |
بىرىنچى چەك ئاسافنىڭ ئوغلى يۈسۈپكە، ئىككىنچى چەك گەدالىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئىنىلىرى ۋە ئوغۇللىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلثَّالِثَةُ لِزَكُّورَ، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ١٠ 10 |
ئۈچىنچى چەك زاككۇرغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلرَّابِعَةُ لِيَصْرِي، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ١١ 11 |
تۆتىنچى چەك ئىزرىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلْخَامِسَةُ لِنَثَنْيَا، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ١٢ 12 |
بەشىنچى چەك نەتانىياغا چىقتى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلسَّادِسَةُ لِبُقِّيَّا، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ١٣ 13 |
ئالتىنچى چەك بۇككىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلسَّابِعَةُ لِيَشَرْئِيلَةَ، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ١٤ 14 |
يەتتىنچى چەك يەشارىلاھقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلثَّامِنَةُ لِيَشْعِيَا، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ١٥ 15 |
سەككىزىنچى چەك يەشاياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلتَّاسِعَةُ لِمَتَّنْيَا، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ١٦ 16 |
توققۇزىنچى چەك ماتتانىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلْعَاشِرَةُ لِشِمْعِي، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ١٧ 17 |
ئونىنچى چەك شىمەيگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلْحَادِيَةَ عَشَرَةَ لِعَزَرْئِيلَ، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ١٨ 18 |
ئون بىرىنچى چەك ئازارەلگە چىقتى؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
وَٱلثَّانِيَةَ عَشَرَةَ لِحَشَبْيَا، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ١٩ 19 |
ئون ئىككىنچى چەك ھاسابىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلثَّالِثَةَ عَشْرَةَ لِشُوبَائِيلَ، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ٢٠ 20 |
ئون ئۈچىنچى چەك شۇبايەلگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلرَّابِعَةَ عَشْرَةَ لِمَتَّثْيَا، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ٢١ 21 |
ئون تۆتىنچى چەك ماتتىتىياھقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلْخَامِسَةَ عَشْرَةَ لِيَرِيمُوثَ، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ٢٢ 22 |
ئون بەشىنچى چەك يەرىموتقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلسَّادِسَةَ عَشْرَةَ لِحَنَنْيَا، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ٢٣ 23 |
ئون ئالتىنچى چەك ھانانىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلسَّابِعَةَ عَشْرَةَ لِيَشْبَقَاشَةَ، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ٢٤ 24 |
ئون يەتتىنچى چەك يوشبىكاشاغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلثَّامِنَةَ عَشْرَةَ لِحَنَانِي، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ٢٥ 25 |
ئون سەككىزىنچى چەك ھانانىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلتَّاسِعَةَ عَشْرَةَ لِمَلُّوثِي، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ٢٦ 26 |
ئون توققۇزىنچى چەك ماللوتىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلْعِشْرُونَ لِإِيلِيآثَةَ، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ٢٧ 27 |
يىگىرمىنچى چەك ئەلىياتاغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلْحَادِيَةُ وَٱلْعِشْرُونَ لِهُوثِيرَ، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ٢٨ 28 |
يىگىرمە بىرىنچى چەك ھوتىرغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلثَّانِيةُ وَٱلْعِشْرُونَ لِجِدَّلْتِي، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ، | ٢٩ 29 |
يىگىرمە ئىككىنچى چەك گىددالتىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلثَّالِثَةُ وَٱلْعِشْرُونَ لِمَحْزِيُوثَ، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ٣٠ 30 |
يىگىرمە ئۈچىنچى چەك ماخازىئوتقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ |
ٱلرَّابِعَةُ وَٱلْعِشْرُونَ لِرُومَمْتِي عَزَرَ، بَنُوهُ وَإِخْوَتُهُ ٱثْنَا عَشَرَ. | ٣١ 31 |
يىگىرمە تۆتىنچى چەك رومامتى-ئېزەرگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى. |